بالىغا ھاۋارايى تونۇتۇشنىڭ ئۇسۇلى
ۋاقتى: 2016-03-02
ئاۋاتلىقى: 658 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىغا ھاۋارايى تونۇتۇشنىڭ ئۇسۇلى
پەسىل ئارقىلىق پەسىل تونۇش
بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق ھاۋانى ياخشى كۆرىدۇ، قۇياش پارقىراپ چىققان كۈنلەردە ئۇلار دالىغا چىقىپ ئويۇن ئوينىسا بولىدۇ. ئەگەر قىش كۈنى ھاۋا ئىللىق بولسا سىرتتا تېمپىراتۇرىنى ھېس قىلىپ باقسىمۇ بولىدۇ. شىمالدا بالىلار قار ياغقاننى بەك ياخشى كۆرىدۇ
يەر ئۈستى ئاپپاق قار بىلەن پۈركەنگەن، قار ئۇچقۇن دەرەخ شاخلىرىنى قاپلىغان، ھاۋا پاكىزە.چوڭ بالىلار قار ئېتىشىپ، قار بوۋاي ياساپ ئوينايدۇ، كىچىك بالىلار بولسا قار ئۈستىدە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەكمۇ قىزغىن. شامال چىققان ۋە يامغۇر ياغقان كۈنلەردە، بالىلار پەقەت ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، تۇتۇق ھاۋا بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تۇتۇق ھاۋا يەنىلا ئوچۇق ھاۋاغا يەتمەيدۇ. بالىلارنىڭ ئۆزلىرى ھېس قىلىپ يەتسە ھاۋارىيىغا دىققەت قىلىدۇ ھەمدە چوڭلار بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ۋە رادىئو ئىستانىسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى ئاڭلايدۇ. بەزى بالىلار ئاڭلاتقۇ ھاۋارايى مەلۇماتىغا ئەگىشىپ « بېيجىڭدا ھاۋا ئوچۇق، شامال كۈچى 2~1، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃10 ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا 1℃ دېيەلەيدۇ. ئاز بولمىغان يەر جايلىرىنى يادلىيالايدۇ، تىيەنجىن، شاڭخەي، نەنجىڭ، خاڭجۇ قاتارلىقلار.