ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھايۋانلارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھايۋانلارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-11-03 ئاۋاتلىقى: 801 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلارنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھايۋانلارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
   
ئالدى بىلەن بالىلارغا بۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھايۋانلارنى تونۇتىدىغان بىر مەيدان ۋە مۇھىت ھازىرلاپ بېرش كېرەك. مەسىلەن: بالىلار باغچىلىرىغا تەبىئىي بولۇڭلارنى ياساپ توشقان،  ئالتۇن بېلىق قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان كىچىك ھايۋانلارنى بېقىپ، بالىلارنى ئەڭ يېقىن ئارلىقتىن ئۇلارنىڭ جان بېقىش ئۇسۇلى ۋە ھەرىـكەت ئالاھىدىلىكىنى كۆزەتكۈزۈش.
  
ئاندىن ئائىلە باشلىقلىرى «ھايۋانلار دۇنياسى» قاتارلىق كىتابلار، ھايۋانلار كارتىسى، چاپلىما قەغەز ئارقىلىق ھايۋانلارغا  نىسبەتەنبالىلارنى ھايۋانلارغا  نىسبەتەن ئاساسىي چۈشەنچە  ۋە بىر  پۈتۈنتەسىرات ھاسىل قىلىپ، كىتاب ۋە كارتا ئوقۇغان ۋاقىتتا كۆپ كۆرىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى ئېسىدە ساقلاتقۇزۇش. ھايۋانلارنىڭ تىنىچ ۋە تەكشىلىكتىكى  تونۇشىغا  نىسبەتەن بالىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە تونۇش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ياردىمى بار.
 
ئۇنىڭدىن باشقا،  بالىلارنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپىرىش. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەرخىل ھايۋانلارنى تېلىۋزوردا كۆرگىنى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەرنى تەكرار قىلدۇرۇش. ئوماق، زىيانسىز،  تۇتۇشقا بولىدىغان ھايۋانلارنى كۆرگەندە بالىنى باتۇرلۇق بىلەن قولىنى ئۇزارتىپ تۇتقۇزۇش،  يەم بېرىشكە بولىدىغان ھايۋانلارنى ئۇچراتقاندا مەسىلەن: كۆلدىكى ئاققۇ، رەڭدار دېڭىز مىلىنىمۇ بالىغا ئۆز قولى بىلەن يەم بېرىش خوشاللىقىدىن بەھىرلەندۈرۈش. بالىغا ھايۋانلارنىڭ تولىمۇ ئوماق ئىكەنلىكىنى ئېيتىش، ئۇلار قويۇق ئورمانلىقتا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ،  ئورمان دەل ئۇلارنىڭ ماكانى، بىز ئورماننى ياخشى قوغدىساق ئاندىن ھايۋانلارنى قوغدىغىلى بولىدۇ دېيىش،  بالىنى تەبىئەتنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيلەش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى