ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللاردىكى باش ئاغرىش

ھامىلىدار ئاياللاردىكى باش ئاغرىش

ۋاقتى: 2016-05-25 ئاۋاتلىقى: 637 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ باش ئاغرىشىنى بەزى ۋاقىتلاردا ھەددىدىن زىيادە چارچاش ياكى روھى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللارنى ئامال بار ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، چۈشلۈك ئۇيقۇغا دىققەت قىلىش، مۇھىتنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش، پىيادە يۈرۈپ سىرتلارغا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش ۋە ئاپتاپقا قاقلىنىشمۇ باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىشنىڭ بىر خىل ياخشى ئۇسۇلى. روھى جەھەتتىكى ئۆزىنى يەڭگىل قويۇۋېتىش، غەم-ئەندىشىنى يوقىتىش، كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، يولدىشى ياكى ئائىلىدىكىلەرنى بىرقىسىم كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشقا بۇيرىغاندا باش ئاغرىقتىن ساقلانغىلى ياكى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.


بىراق دىققەت قىلىش كېرەككى، يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن داۋالىغىلى بولمايدىغان باش ئاغرىقى، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىپ ساقايمايدىغان باش ئاغرىقى بولسا يۇقىرى قان بېسىم، تۆۋەن قان بېسىم ياكى كەم قانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلىشىش كېرەك، شۇڭا قان بېسىمنى ئۆلچەش ۋە قاننى تەكشۈرتۈش زۆرۈردۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا بويۇن ئۇمۇرتقا كېسىلىمۇ باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبنىڭ بىرى، مەسىلەن ھامىلىدار ئاياللار ئۇزۇن مەزگىل پوپايكا توقۇسا ياكى ئىنچىكە خىزمەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ ئوخشاشلا باش ئاغرىققا گىرىپتار بولىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى