ماقالە يېزىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى تاۋلاشتۇر

ۋاقتى: 2010-12-19 / تۈر: مەكتەپ ھاياتىمدا/ كۆرۈش: 493 قېتىم / 10 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

مەكتەپ ھاياتىمدا قانچە پارچە ماقالە يازغانلىقىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن. ئەمما قانداقراق ماقالىلەرنى يازغىنىمنى ساناپ بىرەلىشىم مۇمكىن.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ماقالە يازغىنىم ئىسىمدە يوق. بالىلىقىمىزدا يېزىشقان «سالام خەت»لەر بەلكىم شۇ يېشىمىزغا نىسبەتەن ماقالە ھېسابلانسا كېرەك.

تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن بايان ماقالىسى يېزىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشىمىز ئىدى. ئەمما ئۇنى تاماملاش تەسكىمۇ چۈشمەيتتى. توقۇلما قىلىپلا، ئەدەبىي تىلنى ياخشى ئىشلەتسەك، «ئەلا» ئېلىشقا قىل سىغمايتتى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن مۇھاكىمە ماقالىسى يازىدىغان بولدۇق. گەرچە پۈتۈنلەي توقۇلما بولمىسىمۇ، ئارىسىدا «بۇستانىچى مۇنداق دېگەن.»، «پالانى ماقال-تەمسىلدە دىيىلگەندەك» … دېگەندەك سۆزلەرنى قىستۇرۇپ ئىشلىتىدىغان بولدۇق. ئەمما بۇنى قانچىلىك ئىشلەتسەك ھېسابىنى ئالىدىغان ئادەم يوق ئىدى.

ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن، «ئىلمىي ماقالە» ئۇقۇمى بىزگە سېڭىپ كىردى. مېنىڭچە بۇنى مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ تەلەپ يۇقىرى قويۇلغان نۇسخىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىلگىرى يىتىلدۈرگەن ئادەتنىڭ تەسىرىدە، دەسلەپ يازغان ئىلمىي ماقالىلەر تەنقىدكە ئۇچرىدى. ماقالە يېزىش تارىخىمدا تۇنجى قېتىم تەنقىدكە ئۇچرىغىنىم بولدى. كاللامدىن ئۆتكۈزىشىم تەسكە چۈشكەن ئىدى. ئەنە شۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ۋاقت مېنى تاۋلاپ، ئىلمىي ماقالە يېزىشتا قىينالمايدىغان ھالەتكىمۇ كېلىپ قالدىم.

بۈگۈن يەنە بىر پارچە ماقالە يازدىم. بۇ ماقالە ئۈچۈن گەرچە تەكشۈرۈش، ئىستاستىكا ۋە تەھلىل ئېلىپ بارمىغان بولساممۇ، ماقالىنىڭ تەلىپى بۇيىچە بەش پارچە پايدىلىنىش ماقالىسىنى تاللاپ چىقتىم. بۇ بەش پارچە ماقالە ئىلمىي ماقالە ئامبىرىدىن نۆۋەتتىكى تېمىغا ئائىت مەزمۇنلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغان ئون نەچچە پارچە ماقالە ئارىسىدىن تاللىۋېلىنغان ئىدى.

كۆز ئالدىمدا ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى تۇرۇپتۇ. بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن بەش ئاي سەرپ قىلىدىكەنمىز. دېمەك بۇ ماقالىنى يېزىش بۈگۈنكى ماقالىنى يېزىشقا قارىغاندا زور سالماققا ئىگە دېگەن گەپ. ئەمما شۇنىسى ئىنىقكى، بىر پارچە ماقالە يېزىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى بىر قېتىم تاۋلىغانغا ئوخشاش بولىدىكەن. ماقالە يېزىش جەريانىدا، بىز ئادەتتە دىققەت قىلمىغان ئىنچىكە نۇقتىلارمۇ ئايدىڭلىشىدىكەن.

10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. پرېستان
    2010/12/19 22:54:18

    ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازىدىغان ئىش بولغان بولسا ئالىي مەكتەپ قانچە گۈزەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى ھە!!!

    • نۇرقۇت
      2010/12/20 07:29:34

      سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازمامسىلەر؟

      • پرېستان
        2010/12/20 09:47:39

        «م» ھەرىپى چۈشۈپ قاپتۇ، يازمايدىغان دېمەكچى ئىدىم.

  2. قۇتبىلىك
    2010/12/20 14:11:31

    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازمىسا ئوقۇغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى قالىدۇ؟

    • پرېستان
      2010/12/20 15:31:20

      ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسە ئوتتۇرا مەكتەپتەك قايتا ئىمتاھان بېرىدىغان ئىش بولمىسا تېخىمۇ پەيزى بولاتتى….ھى ھى

      • نۇرقۇت
        2010/12/20 20:49:16

        سىز تولا ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەمسىز نېمە؟ ھاھااھھا (چاقچاق)

      • پرېستان
        2010/12/21 12:29:59

        شۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالمايدەپ ھەر قېتىملىق ئىمتاھاندا كېچىلەپ ئۆگۈنۈش قىلغانلىقتىن، ئەتىسى خۇمالىق كۆزلىرىم نۇغۇرن قىزلارنى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىككە دۇچار قىلىپ چاتاق سېلىۋاتىدۇ. ھى ھى..

    • نۇرقۇت
      2010/12/20 20:48:46

      بۇ گىپىڭىز بەك تومتاق بولۇپ قالغاندەكقۇ؟ «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازمىسا ئوقۇغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى قالىدۇ؟» دېمەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يېزىش ئۈچۈنمۇ؟ مېنىڭچە بولسا، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى پەقەتلا بىر رەسمىيەت خالاس. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەرگىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يېزىش ئۈچۈن ئەمەس. ھەم ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى بىر-بىرى بىلەن بەك زىچ باغلىنىشلىق ئەمەس. بەلكىم بۇنى كىيىن ھېس قىلىپ قالىسىز.

      • قۇتبىلىك
        2010/12/28 00:39:43

        سىز بەك تار ئويلاپ قاپسىز، مەن كىيىن سىزگە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن.

      • نۇرقۇت
        2010/12/28 13:25:09

        بەلكىم شۇنداق ئويلاپ قالغاندىمەن. چۈشەنچىڭىزنى ئاڭلاشقا تەييارمەن.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif