CF نىڭ كىيىنكى يېڭى نۇسخىسى رەسىملىرى
ماڭا ئوخشاش بەزى-بەزىدە ئېتىش خاراكتىرىدىكى ئويۇنلارنى ئويناپ قويۇدىغانلار ئۈچۈن، بەزى ئويۇن يېڭىلىقلىرى نەزەردىن ساقىت بولمايدۇ. مەن ئويۇن ئوينايمەن، ئەمما ئويۇنغا خۇمار ئەمەس. بەك ۋاقت ئىگەللەپ، بىرۋىنى چارچىتىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىمايمەن. CS ۋە CF مەن ئويناپ قويىدىغان ئويۇنلارنىڭ ئىچىدە بار. ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىدا بىر-ئىككى قول ئويناپ كۆڭۈل خۇشى قىلىمەن. مانا بۈگۈن CF ئويۇنىنىڭ كىيىنكى نۇسخىسىغا ئائىت رەسىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئۇچراتتىم. چىقىپ قالسا ئويناپ باقساق بولغۇدەك. نېمىلا دېگەن بىلەن ئىلگىرى بۇ تىپتىكى ئويۇننى ئويناپ باقماپتىكەنمەن.
2011/01/13 18:22:48
كومپيۇتېرغا مۇشۇ ئۇيۇن بىلەن كىرىشكەن ئىدىم،ئېنىق ئېسىمدە،تۇلۇقسىز بىردىكى چاغلار ئىدى ، ئوينايمىز دەپ مائۇس پىرقىراپ كېتىپ ئاسمان چىقىپ قالسا نىمە قىلىشىمنى بىلمەي كۇنۇپكا تاختىسىنى مۇشلاپ قۇيۇپ تورخانا خوجايىنىدىن تىلىشىتقان …ھاھا ھازىرمۇ پات پات ئويناپ قويىمەن ،بۇ كاساپەتكە ھەۋەس تېخى ئۆچكىنى يوق
2011/01/13 19:58:53
خاتالاشمىسام دەۋاتقىنىڭىز CS قۇ دەيمەن ماۋۇسى تېڭشۈندىكىلەر CS نى دوراپ چىقارغان باشقا بىر ئويۇن. ئىسمى CrossFire، قىسقارتىلىپ CF دەيدۇ. شۇڭا ئاسانلا قايمۇقۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.
2011/01/13 21:24:45
CF زادىلا خوشياقمىدى،ئەمما CSنى ئويناۋاتقىلى ئازكەم ئون يىل بولدى!
2011/01/15 01:52:09
3000 تەجرىبە تاپسام، AN94 ئالالايمەن، ھا ھا… ئېتىشىپ قويامدۇق يا؟
2011/01/15 18:19:06
مەندە چاتاق يوق. مەن ئۇنىڭدىكى ھەممە قورالنى دېگۈدەك ئويناپ باققان. ھەقلىق قوراللارنىمۇ ئويناپ باققان كاساپەت! ھەقلىق قوراللىرى دەھشەتتە! بولۇپمۇ ھازىرقى قۇتقازغۇچى نۇسخىسىدىكى قۇرالى قاتىل دېسە
2011/01/19 01:15:49
ماۋۇ كاساپەتنىڭ تەشۋىقات فىلىمى قوشۇلدى