تور بېكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئوپئوخشاش بولۇپ قالسا تور بېكەت ئىگىسىنىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولىدىكەن. مەن كەسپى بلوگېر بولمىساممۇ بەزى-بەزىدە بلوگ يېزىپ قويىمەن. شەخسىي بلوگىمنىمۇ WordPress تە قۇرۇۋالغان ئىدىم. باشتىلا ئۇسلۇب ئىزدەپ يۈرۈپ WPSummer ئۇسلۇبىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ بلوگنىمۇ ئېچىۋالدىم. شۇ ئىشلارغا يېرىم يىلدىن ئاشتى.
دەسلەپتە بۇ WPSummer ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەنلەر يوق ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلقۇت ئەپەندىم بۇ ئۇسلۇبن...
تولۇق مەزمۇنى
سىز تورغا چىقسىڭىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ تور كۆرىسىز؟ پاراڭلىشىسىز؟ ئويۇن ئوينايسىز؟ … يەنىچۇ؟ باشقا دېگۈدەك ھېچنېمە يوق. بەك بىچارىمىكەنمەن؟ ياق. مەن قىلىدىغان يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ نۇرقۇت دۇنياسىنى ئارىلاش. چۈنكى بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. گەرچە بۇنىڭغا سەۋەب ياكى باھانە تاپالمىساممۇ شۇنى ئۆزۈم سىزىپ تۇرىۋاتىمەن. 2008-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ بۇ م...
تولۇق مەزمۇنى
جاپا-مۇشەققەتلىك بىر كۈنلۈك تەڭشەش، رەتلەش ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق بلوگىمنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبىنى ھەر-ھالدا يامان ئەمەس قىلىپ تەڭشىۋالدىم. رەسىم لايىھەلەشكە قۇربىم يەتمىگەچكە تورداشلارنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىشمۇ ھەل بولدى. يەلكەمدىن بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم.
ھازىر بىر-ئىككى پارچە رەسىم ۋە ئەڭ يېڭى قايتۇرۇلغان ئىنكاسنى كۆرسىتىدىغان ئىشلا قېلىپ قالدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇلارمۇ ھەل بولغۇسى.
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مۇېتەقىل بلوگ سۇپىسى ئاچتىم. بۇ يېڭى دۇن...
تولۇق مەزمۇنى
نۇرقۇت بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ. بۈگۈن ئازراق ۋاقت چىقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە WordPress نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نۇسخىىسى ئۇتۇقلۇق ئورنىتىلدى. بۇ نۇسخىنى تەييارلىغان تۆھپىكارلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن نۇرقۇت بلوگى داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ.
بلوگ مېنىڭ مۇستەقىل دۇنيايىم، ئۇ پەقەت شەخسىي تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسىمى. نۇرقۇت دۇنياسى بىلەن ئالاقىسى يوق. شۇڭا بلوگدىكى پاراڭلار بىلەن نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ چوقۇم ئالاقىسى بولۇشى ناتايىن.
...
تولۇق مەزمۇنى