ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭلەردە ئەكىس ئەتكەن خاس ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى
-
ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭلەردە ئەكىس ئەتكەن خاس ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى
ۋاقتى: 2015-08-31 ئاۋاتلىقى: 914 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مىللەتلەرنىڭ ئىجتمائىي، تارىخىي ۋە تەبىئىي شارائىىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىخي تەرەققىياتلار جەرياندا شەكىللەندۈرگەن ئۆزىگە خاس ئۆرپ -ئادەت مەدەنىيەتىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگە بولغان چۈشەنچە، ئېتىقاد ئۆرپ -ئادەت مەدەنىيىتىمۇ ئۆزگىچە روشەن ئالاھىدىلىككە ۋە خاسلىققا ئىگە. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ رەڭگە بولغان ئۆزگىچە چۈشەنچىسى ۋە ئېتىقادى باشقا مىللەتلەردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار رەڭدىن ئۆزگىچە زوق -لەززەت ئېلىپلا قالماي، رەڭنى تۇرمۇشتىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە چۈشىنىپ ۋە قوللىنىپ كەلگەن.
قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك رەڭنى ئۇلۇغلاش ئەنىئەنىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق روشەن ئىپادىلىرىنى مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرى، «يۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىگ» قاتارلىق بۈيۈك يادىكارلىق -قامۇسلاردىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
«ئوغۇزنامە» دە ھېكايەت قىلىنىشىچە، ئوغۇزخاننىڭ چىراي رەڭگى تۇغۇلۇشىدىنلا كۆك بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى تەڭرىگە سېغىنىپ ئولتۇرغاندا ئەتراپ بىردىنلا قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن كۆك نۇر چۈشكەن ۋە بۇنىڭدىن بىر گۈزەل قىز پەيدا بولغان، ئوغۇزخان ئۇنىڭغا ئۆيلەنگەن، يەنە بىر كۈنى ئوغۇزخان دەرەخنىڭ كاۋىكىدا تەنھا ئولتۇرغان يەنە بىر قىزنى كۆرگەن، ئۇ قىزمۇ ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆك ئىكەن، ئوغۇزخان ئۇ قىزغىمۇ ئۆيلەنگەن، نۇسرەت قازانغان ئۇرۇش سەپەرلىرىدىمۇ ئوغۇزخانغان كۆك ئەركەك بۆرە يول باشلاپ ماڭغان، بۇلاردىن شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك رەڭگە بولغان ھۆرمىتى ۋە ئېتىقادىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك رەڭنى ئۇلۇغلاش ئادىتى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىكى يېشىللىقلارنى، بوستانلىقلارنى، باغلارنى قەدىرلەش، كۆك مەشرىپى ئۆتكۈزۈش، قايغۇ - ھەسرەتلەرگە دۇچار بولغاندا كۆك ئاسمانغا قاراپ ئىلتىجا قىلىش، ھويلا - ئاراملارنى كۆك رەڭدە ھاكلاش، قاتارلىق ئادەتلەردە ئۆز ئىپادىشىنى تولۇق تاپقان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆك سۆزىنىڭ «ئاسمان» دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە بولۇشى ۋە بىر قىسىم يەرلەرنىڭ كۆكيار، كۆكباغ، كۆكسۇ، كۆكئاچال دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىشىنىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك رەڭنى ئۇلۇغلاش ئەنىئەنىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى روشەن ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قارا دېگەن سۆز رەڭنى بىلدۈرگەندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم تۈپ سۆزلەرگە قوشۇلۇپ بىرىككەن سۆز ھاسىل قىلىپ، شۇ بىرىككەن سۆز تەركىبىدە «بۈيۈك، چوڭ، كەڭ» دېگەندەك مەنىسىنىمۇ ساقلاپ قالغان، مەسىلەن: قارا تەر، قارا كۈچ، قارا باغ، قارا بوستان قاتارلىقلار.
قىزىل ۋە سېرىقرەڭ: يۇقىرىقىدەك رەڭ چۈشەنچىلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇرلار يەنە قىزىل ۋە سېرىق رەڭلەرگە نىسبەتەنمۇ ئۆزگىچە چۈشەنچىدە بولۇپ، ئالاھىدە قوللىنىپ كەلگەن، مەسىلەن: ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا توي كۆچۈرۈش ھارۋىسى تاكى توي كۆچۈرۈش ماشىنىسى ئالدىغا قىزىل رەخت باغلاش، يېڭى تۇغۇتلۇق ئايال بار ئۆينىڭ ئىشىكگە قىزىل رەخت ئېسىپ قويۇش قاتارلىق ئادەتلەردە قىزىل رەڭ خۇشاللىق ۋە ياخشلىقنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە ئەكس ئېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، سېرىق رەڭ ئالتۇننىڭ رەڭگى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ، قۇياشنىڭ نۇرلانغان مەزگىلى «ئالتۇندەك پارلىغان قۇياش»، مول ھوسۇللۇق كۈز بولسا «ئالتۇن كۈز» دەپ تەرىپلىنىدۇ، مانا بۇ يەردە سېرىق رەڭ قۇياش نۇرى ۋە مول ھوسۇلغا سىمۋول قىلىنغان، دېمەك، قىزىل ۋە سېرىق رەڭلەرگە بولغان بۇنداق چۈشەنچە يۇقىرىدىكى ئاق، قارا ۋە كۆك رەڭ چۈشەنچىسىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنىئەنىۋى رەڭ چۈشەنچىسىگە كىرىدۇ.
Tags: ئەتلەستەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزىگە
2015-11-03 15:18:081255«كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا
2015-08-27 19:47:211055ۋاز كېچىشمۇ، تاللاشمۇ ئۆزىمىزگە باغلىق
2015-08-27 20:03:121028ئورنىنى باسالمايدىغان بىر نەرسە بار
2015-10-19 15:38:28812ئەڭ يېقىملىق سۆز
2015-10-22 13:19:07944بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل
2015-09-03 15:57:03515ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق
2015-12-30 15:49:32992ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟
2015-12-08 15:29:15853
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-