دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل

بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل

ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 471 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل




     ▲ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلنىڭ " دۇنيانىڭ تۆت كوچا ئاغزى" دېگەن نامى بار. ئۇ ياۋروپانىڭ مەركىزىگە جايلاشقاچقا، " ياۋروپانىڭ   پايتەختى" دەپمۇ  ئاتىلىدۇ. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ كۆپى مۇشۇ شەھەرگە تەسىس قىلىندى. مەسىلەن: ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، خەلقئارا ئاتوم ئېنرىگىيىسى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ باش شتابى مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان. ئەمما بۇ يەرنىڭ قۇيۇق مەدەنىيتى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاۋات كوچىلىرىنىڭ مەنزىرىسى بەكمۇ  گۈزەل. بريۇسسېلغا تۇنجى ساياھەتكە بارسىڭىز، سانجاق - سانجاق ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، كەڭلىكى ئۈچ مېتىرمۇ كەلمەيدىغان تار كوچىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، كەڭرى بىر مەيداننى كۆرىسىز. مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئېگىز ئىمارەتلەر ئوراپ تۇرغان بولۇپ، بۇ دەل ئوتتۇرا ئەسىردە ياسالغان مەشھۇر بريۇسسېل چوڭ مەيدانىدىن ئىبارەت.
     ▲ بۇ چوڭ مەيدان مەشھۇر تارىخىي شەھەر بريۇسسېلنىڭ سىمۋولى بولۇپ،  ئىلگىرى بۇ مەيدان بىر بازار ئىدى، لۇئى 14 ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە فرانسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن پارتلىتىلىپ ۋەيران قىلىنغان. ئەمما ھازىر شۇ چاغدىكى ئۇرۇش خارابىلىرىنىڭ ئىزناسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. چوڭ مەيدان 1697 - يىلىدىن 1700 - يىلىغىچە قايتا ياسالغان. مەيداننى باروك ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر ئوراپ تۇرىدۇ. مەشھۇر يازغۇچى گيۇگو 1852 - يىلى بۇ يەردە تۇرغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بريۇسسېل خەلقى بۇ ئەدەبىيات پېشىۋاسىنىڭ ئۆز شەھىرىگە كەلتۈرگەن شان - شەرەپلىرىدىن پەخىرلىندۇ. ھازىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خان ئوردىسى چوڭ مەيدانغا جايلاشقان بولۇپ، كېنەز برابانت جەمەتىنىڭ نەپس ھەيكەللەر بىلەن تولغان تۇرالغۇسىمۇ مۇشۇ يەردە. دۇنياغا مەشھۇر بريۇسسېل چوڭ مەيدانى 12 - ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئۇ بريوسسېل شەھىرىنىڭ مەركىزى مەيدانى، شۇنداقلا ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ گۈزەل مەيدانلارنىڭ بىرى ھېسابلىندۇ.
 ▲ 1998 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بريۇسسېل چوڭ مەيدانىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقى سۈپىتىدە " دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكى" گە كىرگۈزدى. مەيداننىڭ ئۇزۇنلىقى 110 مېتىر، كەڭلىكى 68 مېتىر كېلىدۇ. مەيداننى چۆرىدەپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىمارەتلەرنىڭ كۆپى گوت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، كىشىنى ئوتتۇرا ئەسىرگە بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. مەيدانغا  گرانت  تاش  ياتقۇزۇلغان  بولۇپ، ئەتراپتىكى  قەدىمىي  ئىمارەتلەر  بىلەن بەكمۇ ماسلاشقان. مەيدانغا ئاپتوموبىللار كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئەمما ئەتراپتا ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى پەيتۇنلار تۇختۇتۇلغان. پەيتۇنغا قوشۇلغان ئاتلارنىڭ جابدۇقلىرى نەپىس توقۇلغان، ئۇچىسىغا قارا فراك، بېشىغا ئېگىز شىلەپە كىيگەن ھارۋىكەشلار خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بەزىلەر مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىنى ھەيۋەتلىك " ئورمان" غا ئوخشىتىدۇ.
     ▲ بۇ يەردىكى ئىمارەتلەرنىڭ تار، ئېگىز دېرىزىلىرى بىر - بىرىگە  تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەگمە ئىشىك، ئەگمە لىم، ئەگمە تورۇسلۇق  كارىدورلار ھەر خىل قىياپەتتىكى ھەيكەللەر بىلەن بېزەلگەن.
مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا جۇنۇپقا قارىتىپ سېلىنغان ھەيۋەتلىك بريۇسسېل شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى بار بولۇپ، تىپىك گۇت ئۇسلۇبىدىكى ھەيۋەتلىك بۇ چوڭ ئىمارەت كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەرلىك ھۆكۈمەت  بىناسى 15 - ئەسىردە سېلىنغان. ئىمارەت  ئۈستىدىكى  مۇنارغا  ئېگىزلىكى  بەش  مېتىر  كېلىدىغان بريۇسسېلنىڭ ھامىي ئىلاھى سانت مېچىلنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان.
    ▲ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قوشنا بەش قەۋەتلىك بىر ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشىكى پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاققۇ ھەيكىلى بىلەن بېزەلگەن، بۇ مەشھۇر " ئاققۇ" ئاشپۇزۇلىدۇر. بۇ، ئىلگىرى ماركس، ئېنگلىسلار ئولتۇرغان ۋە خىزمەت قىلغان جاي. 1845 - يىلى 2  - ئايدا ماركىس پارىژدىن بريۇسسېلغا كۈچۈپ كەلگەندە مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. شۇ يىلى 4 - ئايدا ئېنگلىسمۇ پارىژدىن بۇ يەرگە كۈچۈپ كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ " ئاققۇ" قەھۋەخانىسى ئۇلار ئورتاق قۇرغان كوممۇنىستىك ئالاقە كومىتېتى ۋە گېرمانىيە دېموكراتىك ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ   مۇھىم   جايىغا   ئايلانغان.

بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى