دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شۇنداق بىر ھېكايە

شۇنداق بىر ھېكايە

ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 712 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

     كىشلەرنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتىن ئالغان لەززەت ۋە ئازاپمۇ ئوخىشمايدۇ. بۇرۇن مۇنداق بىر ھىكاينى ئوقۇغىنىم ئسىمدە،


     بىر باي بولۇپ، كىچىك ۋاختىدا ئائىلىسى بەكمۇ نامرات ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ يول ئۈستىدە تۇرسا، بىر ئاقكۆڭۈل كىشى ئۇنىڭغا بىر تال كەمپۈت بىرىپتۇ. كېيىن ئۇ شۇ چاغىدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، ئۆزنىڭ  ئۆمرىدە كۆرلۈپ باقمىغان خۇشاللىقا   ئىرشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كېيىن ئۇ نامرات بالا ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن كاتتا بىر باي، شۇنداقلا نامراتلارغا يار _ يۆلەك بولدىغان ساخاۋەتچىگە ئايلىنىپتۇ. ئۇ"مەن ھەر قېتىم بىرسىگە ياردەم قىلسام، ئەينى چاغىدىكى ئەشۇ بىر تال كەمپۇت ئىسىمگە كىلىدۇ _ دە، شۇ چاغىدىكى لەززەتنى سىزىمەن "دەيدۇ. دىمەك بۇ بايغا نىسپەتەن، بەختىنىڭ شەكلى قەلبىنى لەززەتكە چۈمدۈرگەن ھىس _ تۇيغۇنى ئىزدەپ تېپىش _ بالىلىق چېغىدا يېگەن ئەشۇ بىر تال كەمپۈت ئېرىشتۈرگەن بەختكە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ساخاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.

مانا بۇ تۇرمۇشتىكى ئاددىي بىر ھېكايە، لىكىن شۇ ئاددىيلىق ئېچىگە ناھايىتى چۇڭقۇر مەنا يۇشۇرۇنغان. ئىش ئورنىدىن قالغان، تىجارەتتە ۋەيران بولغان، چىقىش يولى تاپالماي، تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولغان ، ئاتا _ ئانا، يېقىن قىرىنداشلاردىن ئايرىلغان چاغلاردا ئۈمۈتسىزلىنىپ بۇ دۇنيادا ھىچ نەرسىمىز قالمىغاندەك ، ھەممە نەرسىدىن رايىمىز قايتىپ كېتىشى مومكىن. لىكىن ئۈمۈتسىزلىك بىزگە ھىچ قانداق مەسلىنى ھەل قىلىپ بىرەلمەيدۇ. ئەكىسچە تۇيغۇمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يەنە بىر مۇنچە زىدىيەتلىك مەسىللەرنى تاشلاپ بىرىدۇ. مۇشۇنداق ۋاختىمزدا بايىقى ھېكايدىكى باينى ئويلايلى . روھىمىزدىكى پاسىپ ئامىللارنى چۈرۈپ تاشلاپ، ھاياتقا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلايلى. شۇنداق قىلغاندىلا، بارلىق قېيىنچىلىق، ئۈمۈدسىىزلىكلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ تۇرمۇشىمىزنى لەززەت بۆشىكىگە بۆلىيەلەيمىز.

     تۇرمۇشتىن لەززەت ئىلىشىنىڭ  ئۆلچىمى بولغان ئەمەس ۋە بولمايدۇ. لېكىن بىر ئادەم قەلبىگە چىن ئادىمىيلىك تۇيغۇسىنى سىغدۇرالايدىغانلا بولسا، چوقۇمكى ئۇ ئادەم ئۆزگىچە لەززەتتىن بەھىرىمەن بولالايدۇ.

     دىمەك، تۇرمۇشتىن لەززەت ئېلىشىنىڭ  ئۇسۇلى ھەر ئادەمنىڭ ئېڭىدا ئۆزگىچە بولىدۇ.قىنى سىزمۇ ئۆزىڭزىنىڭ  تۇرمۇش، ھايات، قىممەت قارشىڭىز بىلەن بەخىت ئىزدەڭ. ھاياتىڭىزدىكى ئەھمىيەتلىك ئىشىلىرىڭىزدىن  لەززەت ئىلىپ ياشاڭ. 


Tags: تۇرمۇش 
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى