كىتاب مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئويلار
-
كىتاب مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئويلار
ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 843 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كىتاب مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئويلار
ئابدۇۋاھىد خۇدابەردى
@مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ تىپىك بەلگىلىرىدىن بىرى ئىلىمخۇمارلىق، كىتابخۇمارلىقتۇر. بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنىيىتى، گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرى ھەققىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئالدى بىلەن كىتاب ئارقىلىق بىلىمىز.
تارىخىمىزدىكى دانا ھۆكۈمدارلار ئەينى زاماندا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، غايەت زور بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئېسىل كىتابلارنى توپلاپ كۇتۇپخانىلارنى قۇرغان. ئۇلار شۇ كۇتۇپخانىلاردىكى كىتابلار ئارقىلىق روھىي ئوزۇق ئېلىپ ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرغان، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىلىمخۇمارلىق، كىتاب ئۇقۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىك بىزدە پۈتۈن مىللەت خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئادەتكە ئايلىنىشى بەكمۇ زۆرۈر ئىدى. ئەپسۇسكى ئومۇمىي ئەھۋالىمىزغا نەزەر سالغاندا ھازىر ئاشخانا، رېستوران، ئارامگاھ، تورخانىلار ئاۋات، ئەمما كۇتۇپخانا ياكى قىرائەتخانىلارنىڭ تولىسى چۆلدەرەپ قالغان. ئوقاي دېسە، كىتاب - ژۇرناللار يېتەرلىك تۇرۇپتۇ.
@بىر قېتىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەلۇم ناھىيەدىكى 107 كەنتنىڭ كەنت كۇتۇپخانىسى ۋە «دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسى» نى تەكشۈردۇق. تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاز بىر قىسىم كەنتلەر دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۇتۇپخانىلارنى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كىتابلارنى توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ. كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىنمۇ ياكى شۇ كەنت تەۋەسىدە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ يوق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر، يىل بويى كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدىغان كىشى ئونغىمۇ يەتمەيدىكەن.
ئەينى چاغدا ئانا تىلىمىزدا نەشر قىلىنغان كىتابلار ناھايىتى ئاز ئىدى. مانا ئەمدى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ، كىتاب كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلىۋاتقان زامانىۋى جەمىئىيەتتە، خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان شەيدالىقىنىڭ سۇس بولۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئالەمنى قۇياش نۇرى يورۇتىدۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى يورۇتىدىغان قۇياش بولسا دەل كىتابتۇر. بىر ئائىلىگە نىسبەتەن كىتابسىز بايلىق شەكسىزكى مەنىۋى گادايلىقتۇر. بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر كىتابخۇمارلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىگە كىتابقا بولغان ئىشتىياق ئوتىنى يېقىشىمىز لازىم. كىتابخۇمارلىق ئىلىمخۇمارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئىلىمخۇمارلىق بىر ئوت، بۇ ئوت ئۆز نۆۋىتىدە ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقى، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر.
Tags: كىتابتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ياشاش ئىقتىدارى تۇغما ئەمەس
2015-10-17 15:58:23657كىم تاپالايدۇ ؟ تېپىشماق
2015-09-02 10:08:59791ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تەربىيەسى
2015-11-02 21:52:211794يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكل
2015-09-01 15:35:56600ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرەيلى
2015-09-02 14:37:40614باققاللىق كەسپى
2015-08-27 20:28:37913ئانىلىق مەۋسۇملىرى ئاياللىق سۈلكىتىدىن مەھرۇم قا
2015-10-20 14:48:351091سەپتىن چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، ئۆگىنىڭ
2015-11-12 21:33:14935
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-