دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تەۋەككۈلچىلىك

تەۋەككۈلچىلىك

ۋاقتى: 2015-12-03 ئاۋاتلىقى: 214 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر تۈپ قارىغاي دەرىخى بىلەن ھەيۋەتلىك تاغ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بېرىپتۇ.

تاغ ناھايىتى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن قارىغاي دەرىخىنى مەسخىرە قىلغان ھالدا دەپتۇ:سەن بىر ئۆزىڭنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋالىدىغان شۇمتەك!

قارىغاي دەرىخى ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتمىغان تۆۋەنمۇ كۆرمىگەن تەلەپپۇزدا: «چوڭ-كىچىكلىك جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا سەن مېنىڭ ئالدىمدا تولىمۇ يوغان، بىراق سەن ئۆزۈڭنى پۈتۈن يەر شارى، پۈتۈن كائىنات بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا يوغان ھېسابلىنامىسەن؟» قارىغاي دەرىخى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىر ئاز تىنىۋېلىپ سۆزىنى يەنە داۋام قىپتۇ: «بۇ دۇنيا نۇرغۇنلىغان شەيئىلەردىن تەشكىل تاپقان، ھەر بىر شەيئىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى بولىدۇ، مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ كىچىكلىكىمدىن خىجىللىق ھېس قىلمايمەن، مەن يەنىلا مەن، ھېچكىممۇ مېنىڭ ئورنۇمنى ئالالمايدۇ، سېنىڭ چوڭ بولغىنىڭ ئۆزۈڭگە، مېنىڭ كىچىك بولۇشىممۇ يەنىلا ئۆزۈمگە مەنسۇپ. مەن مەڭگۈ سەندەك چوڭ بولالمايمەن، سەنمۇ مەڭگۈ ماڭا ئوخشاش كىچىك بولالمايسەن، سەندە يەنە مەندىكى ئەۋرىشىملىك ۋە ئۆتكۈرلۈك يوق».

قارىغاي دەرىخىنىڭ توغرا ھەم كىشىنى قايىل قىلىدىغان بىر مۇنچە سۆزلىرىنى ئاڭلىغان تاغ بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماپتۇ. زېرەك قارىغاي دەرىخى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ داۋاملىق سۆزلەشكە باشلاپتۇ: «بۇ دۇنيادا ھەر بىر تال گىياھنىڭمۇ ئۆز ئورنى ۋە رولى بار، سەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. پۈتۈن كائىنات بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن سەيئىلەردىن تەركىب تاپقان. ئاخىرىدا مەن ساڭا شۇنى دەپ قويايكى، مەن ئۆزۈم يالغۇز يەككە-يېگانە ھالدا پۈتۈن بىر ئورمانغا ۋەكىللىك قىلالمايمەن. بىراق سەنمۇ كۆز ئالدىڭدا تۇرغان كىچىككىنە بىر تۈپ دەرەخنى قومۇرۇۋېتىشكە ئىلاجىسىز».

ئەقىللىق قارىغاي دەرىخىنىڭ سۆزى بىزگە مۇندا بىر ھاياتلىق ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ: ئادەمنىڭ تەبىئىتى ھامان شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاستۇر. ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ھەر قانداق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن باشقىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدىكى خاتا كۆز قارىشىنىڭ ئېزىقتۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى مەيلى غەلىبە قىلسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن سىناپ بېقىشى كېرەك. چۈنكى مۇشۇ ئارقىلىق توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

ئادەم ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىلمۇ-خىل مۆجىزىلەرگە تولغان سىرلىق ماكان. ئادەم مانا مۇشۇ بوشلۇق ئىچىدە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالىغاندىلا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.


بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى