دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دوستۇم، مىنى كەچۈرگىن

دوستۇم، مىنى كەچۈرگىن

ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 450 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

 

 «دوستۇم، مىنى كەچۈرگىن»

 

 

▲ ئىشىكتىن غۇنچە بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، ئەگمە قاشلىق، سۇمبۇل چاچلىق، ئاپتاپتەك پارلاپ تۇرىدىغان چېھرىدىن ئاقكۆڭۈللۈكى چىقىپ تۇرىدىغان گۈلسۇمنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ ساۋاقداشلار خۇددى يۈتتۈرۋەتكەن قىممەتلىك نەرسىسىنى تېپىۋالغان ئادەمدەك قەۋەتلا خوش بۇلۇپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئاقساق بۇغىدەك دىككوسلاپ ماڭغان ھالىتىنى كۆرۈپ، بايىقى خۇشاللىقلار بۇرانغا يۇلۇققان توزغاقتەك نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. شۇندىلا ساۋاقداشلار گۈلسۈمنىڭ ئالدىنقى قېتىمدىكى قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدى بولغاي ماڭا لەپپىدە قارىدى. ئەنە شۇ ئۆتكۈر كۆزلەرنىڭ تىكىلىشى بىلەن يۈزۈم خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزىرىپ، يىلاندەك تولغۇنۇپ كەتتىم. دەل شۇ ۋاقىتتا قەلب ئېكرانىمدا ئىلگىرىكى ئىشلار خۇددى كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.
گۈلسۈم بىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كىيىن تۇنۇشقان دوستۇم بۇلۇپ، ھەم قوشنا ئىدۇق ھەم بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. شۇڭا باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق. ئۇ ئىنتايىن تىرىشچان، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا قۇلىدىن كېلىشىچە ياردەم بىرىدىغان شوخ قىز بۇلۇپ، ئۇنىڭغا مەنلا ئەمەس سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلار ئامراق ئىدى. يىڭىلا سىنىپقا كىرگەن ۋاقىتتا نەتىجىمىزنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ماختاشلىرى، مۇئەللىملەرنىڭ تەقدىرلىشىگە ئۇچراپ كۈنلىرىمىز كۈلكە ئىچىدە ئۆتەتتى. بىراق 2- يىللىققا چىققاندىن باشلاپ ئۆگىنىش بېسىمى تۈپەيلى شوخ كۈلكىلىرىمىز تۈكۈلگەن ياپراقتەك ئازلاشقا باشلىدى. گۈلسۈم بۇرۇنقىدىنمۇ تىرىشچان، كەم سۆز، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي ئۆگىنىدىغان بۇلىۋالدى. مەن خېلىلا تىرىشقان بولساممۇ، ئۇنىڭغا يىتىشەلمەيۋاتاتتىم. شۇڭا ئىمتىھانلاردا بارا- بارا ئۇنىڭ كەينىدە قالدىم. ئاپام نەتىجەمنى بىلگەندىن كېيىن، بۇرۇنقىدەك ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا مېنى تۇلا تەنقىدلەپ، مىڭەمنى يەپلا كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆگىنىش ئىرادەم ئاجىزلاپ قالدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ نەتىجەم گۈلسۈمنىڭكى بىلەن خېلىلا پەرىقلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى. ئاپامدىن ئاڭلايدىغان تەنقىد، ۋەز- نەسيىھىتىممۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاپام ھە دېگەندە گۈلسۈمنى ئۇنداق ياخشى، مۇنداق ياخشى دەپ ماختايتتى، يەنە تېخى نەتىجىمىزنى سېلىشتۇرۇپ مىنىڭ تىرىشچانلىقىمنى يوققا چىقىراتتى- دە، مېنى نان قېپىلار سېپىگە چىقىرۋېتەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق تەنقىدلەرگە قېلىشىمغا گۈلسۈم سەۋەپچى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا توڭ تىگىدىغان، ھەتتا پۇرسەت تاپسام ئۇنى باشقىلار ئالدىدا مازاق قىلىپ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بولدۇم. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئوڭايسىزلانغان ھالدا ھېچقانداق ئىپادە بۈلدۈرمەي تۇرغان بىچارە ھالىتىنى كۆرسەم ئۇنىڭغا تەنقىدلەشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويالىغانلىقىمدىن خۇشال بۇلۇپ كېتەتتىم. ئەمما گۈلسۈم بۇلارنى مېنى چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ قىلمىدى دەپ قاراپ يەنىلا دوستلۇق مېھرىنى مەندىن ئايىمايتتى. ئۇ بىر كۈنى:
- دوستۇم، گۈلزىبا ئىمتىھانغا ئاز قالدى، ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە تەكرار قىلايلى!- دېدى كۈلۈمىسىرەپ. مەن جاۋابەن:
- ۋاي، تىرىشچان دوستۇم، ئەجەپ بەش مىنۇت ۋاقتىڭغا چىداپ ماڭا تەربىيە قىلغۇدەك بوپسەنغۇ؟ ئۇنتۇپ قالما، مەن ئۆگىنىش قىلسام، قىلمىسام سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزغۇ دەيمەن. لېكىن ئىسىڭدە بولسۇن، سەن بىلەن بىرىنچىلىكنى ھەرگىز تالاشمايمەن،- دىدىم- دە، كېتىپ قالدىم.
ھاي- ھۇيىت دەپ بولغۇچە ئىمتىھان باشلاندى. بىلىدىغان سۇئاللارغا بىر قۇر جاۋاپ يېزىپ بۇلۇپ، ئولتۇرۇپ قالدىم. ئالدىمدا گۈلسۈم بېشىنى كۆتەرمەي جاۋاپ يېزىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن سوراشنى ئويلىدىم- يۇ، لېكىن: «ئۇنىڭغا يالۋۇرامتىم» دېگەنلەرنى ئويلاپ گەپ قىلمىدىم. يەنە تۇرۇپ: «مۇبادا يەنە تۆۋەن نۇمۇر ئالسام، ئاپامنىڭ كوتىلداشلىرىدىن قۇتۇلالمايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە: ئىگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەپتۇ دىگەن گەپ بار. يۇقىرى نومۇر ئېلىۋالسام باشقىسى بىر تىيىن» دېگەنلارنى ئويلىدىم- دە، بىلەلمىگەن جايلارنى گۈلسۈمدىن سورىماق بۇلۇپ ئۇنى چاقىردىم. ئەمما ئۇ ئاڭلىمىدىمۇ ئەيتاۋۋۇر، ماڭا كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويمىدى. ئۇنىڭ مىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك بۇ قىلىقى نېرۋامغا تەگدى. ئىمتاھاندىن كىيىن ئۇنىڭغا:
 - دەرس بىلىمەن دەپ پۈدەلگەن شاردەك يوغىناپ كەتمە! گۈلسۈم.  سېنى تىخى يېقىن دوستۇم دەپ يۈرۈپتىمەن، دوست دېگەن بۇنداق بولسا قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق دوستلۇق،- دىدىم-دە، گۈلسۇمنىڭ:
- گۈلزىبا، توختا. مىنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلا،- دىيىشىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن يولنى بويلاپ، ئوقتەك يۈگۈردۈم. ئۇزاق ئۆتمەي ماشىنىنىڭ تۇرمۇزلىغان ئەنسىز ئاۋازى ئاڭلاندى. كەينىمگە قارىدىم-دە، قاققان قوزۇقتەك قېتىپلا قالدىم. چۈنكى گۈلسۈم يەردە قانغا مىلەنگەن ھالدا ياتاتتى. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم-دە، قورققىنىمدىن ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم. ئۇنىڭ ئاغزى مىدىرلىۋاتاتتى، خۇددى: «گۈلزىبا، مەن چۈشەندۈرەي، مېنى خاتا چۈشەنمىگىن، كىچككىنە ئشنى دەپ دوستلىقىمىز سۇسلاشمىسۇن» دېگەندەك قىلاتتى. بۇ ئاۋازنى پەقەت مەن، پەقەت مايسىدەك يۇمران قەلبىملا ئاڭلىيالايتتى.                                        
قوڭغۇراقنىڭ چېلىنىشى بىلەنلا خىيال كەپتىرىم ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدى. گۈلسۈم يېنىمدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «گۈلزىبا، سىنى بەكمۇ سېغىندىم. دوختۇرخانىدىكى كۈنلىرىم سېنى ئەسلەش، سەن بىلەن خىيالى سىردىشىش بىلەن ئۆتتى. ئالدىنقى قېتىمدىكى ئىمتاھاندا سېنى خاپا قىلىپ دىلىڭنى رەنجىتتىم، مېنى كەچۈرگىن. بىراق بىز بۇندىن كىيىن بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي تىرىشايلى، دوستلۇق گۈللىرىمىزنى كىشىلەرنى جەلىپ قىلغۇدەك پورەكلەپ ئېچىلدۇرايلى!» دېدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدۇم-دە، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «دوستۇم، مېنى كەچۈرگىن.... » دىيەلىدىم。

ئاپتورى : نۇربىيە ئۆمەر

Tags: دوست 
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى