پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ، شۇ كۇپايە
-
پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ، شۇ كۇپايە
ۋاقتى: 2015-10-20 ئاۋاتلىقى: 1351 قېتىميانفوندا كۆرۈش
پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ، شۇ كۇپايە
بىركىشى ھاياتىدا توپتوغرا 1009قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان . بىراق ئۇ «پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ كۇپايە»دەيدۇ . بەش ياش چېغىدا ،ئۇنىڭ دادىسى كېسەل تۈپەيلىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ ،بىردىن -بىر يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلغان غۇربەت ئائىلىدە ،ئانا سىرتتا ئىش ئىزدەپ چېپىپ يۈرۈشكە ،بۇ بەش ياشلىق بالا بولسا ئۆيدە ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ،ئۇ شۇ يېشىدا ئۆزى تاماق تەييارلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ . ئون ئىككى ياش چېغىدا ،ئۇنىڭ ئانىسى قايتا نىكاھلىنىدۇ ،ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان مۇئامىلىسى بەكلا ناچار بولۇپ،ئانىسى ئۆيدە بولمىسىلا ئۆگەي دادىسى ئۇنى دۇمبالايتى . ئون تۆت يېشىدا ئوقۇشتىن چېكىنىپ ،سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان . ئون ئالتە يېشىدا يىشىنى يالغان مەلۇم قىلىپ ،يىراققا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان بولسىمۇ ،پاراخۇتتا بېشى قايىدىغان بولغاچقا قىسىمدىن قايتۇرۇۋىتىلگەن . ئون سەككىز يېشىدا ئۇ توي قىلغان ،لېكىن پەقەت بىرقانچە ئاي ئۆي تۇتقاندىن كېيىن ئايالى بارلىق ئائىلە بىساتىنى سېتىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن . يىگىرمە يېشىدا ئۇ توكچى ، كېچىك كېمىسى ھەيدىگۈچى ۋە تۆمۈر يول ئىشچىسى بولغان بولسىمۇ بۇ ئىشلىرىمۇ ئۇتۇقلۇق يۇرۇشمىگەن . ئوتتۇز يېشىدا ،سۇغۇرتا شىركىتىدە ،سۇغۇرتا تونۇشتۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ ،بىراق مۇكاپات مەسىلىسى ئۈستىدە خوجايىن بىلەن قىزىرىشىپ قىلىپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئوتتۇز بىر يېشىدا ، ئۆزلۈكىدىن قانۇن ئۆگىنىدۇ ۋە دوستلىرىنىڭ مەدەت بېرىشى ئاستىدا ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .بىراق بىر قېتىملىق سوت مەيدانىدا باش سوتچىنى ئۇرۇپ قويىدۇ . ئوتتۇز ئىككى يېشىدا ،ئۇ پۈتۈنلەي ئىشسىز قىلىپ ،ئىنتايىن جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ . ئوتتۇز بەش يېشىدا يەنە بىر قېتىملىق بەختسىزلىك يۈزبىرىدۇ ،ئۇ كىرا ئاپتۇمۇبىلى ھەيدەپ بىر چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىدا كۆۋرۈكنىڭ پولات ئارغامچىسى ئۈزۈلۈپ كېتىپ ، ماشىنىدىكى بارلىق يولۇچى بىلەن بىرگە دەرياغا چۈشۈپ كىتىدۇ دە ،ئېغىر يارلىنىدۇ . قىرىق يېشىدا ،ئۇ بىر بازاردا كېچىك مەيخانا ئاچىدۇ ،مەيخانسىىنىڭ ئاسما ۋىۋىسكىسى چۈشۈپ كېتىپ ،دەل ئۇنىڭ سودا رىقابەتچىسىنى يارىلاندۇرغانلىقى سەۋەبلىك بىرمۇنچە دىشۋارچىلىق تارتىدۇ . قىرىق يەتتە يېشىدا ،ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ ،نىكاھ ئىشىدا يەنە زەربىگە ئۇچرايدۇ . ئاتمىش بىر يېشىدا ،ئۇ پارلامېنت ئەزالىق سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولىدۇ . ئاتمىش بەش يېشىدا ، ھۆكۈمەتنىڭ يول ياساش قۇرۇلۇشىغا تاقىشىپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەمدىلا سودىسى قىزىۋاتقان رېستورانى چىقىلىپ ،بارلىق سايمانلىرىنى ئەرزان باھادا سىتىۋىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ . ئاتمىش ئالتە يېشىدا ، ئۇ جان بېقىش يولىدا، ھەرقايسى جايلاردىكى چوڭ -كىچىك رېستۇرانلاردا ئۆزىنىڭ توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرىدۇ . يەتمىش بەش يېشىدا ،ئۇ ئۆزىنىڭ توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇش جەھەتتە ياراتقان ماركىسى بىلەن پاتېنت ھوقۇقىنى سىتىۋىتىشنى قارار قىلىدۇ ،
ئۇنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭغا شىركەت پىيىنىڭ بىرقىىسمىغا تېگىشىش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ،بىراق ئۇ رەت قىلىدۇ .ئەپسۇس ،ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ پىپى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ ، ئۇ خوجايىننىڭ تەلىپىنى رەت قىلمىغان بولسا مىليۇنىرغا ئايلانغان بولاتتى . سەكسەن ئۈچ يېشىدا ،ئۇ يەنە بىرقېتىم تېز تاماقخانا ئاچىدۇ ،بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ،باشقىلارنى سودا تاۋار ماركىسىغا دەخلى قىلدى دەپ دەۋا قىلىدۇ . سەكسەن سەككىز يېشىدا ،ئۇ ئاخىرى ئۇتۇق قازىنىدۇ ، ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىدۇ . بۇكىشى دەل ھازىر ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان 肯德基(Kentucky Fried Chicken KFC) ماركىسىنىڭ ياراتقۇچىسى Harland Sanders ئىدى .ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ :« كىشىلەر دائىم ھاۋارايىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتەھەرگىزمۇ ھاۋارايى ناچار ئەمەس ، ئادەم پەقەت ئۆزىگە تولۇپ -تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىغاندىلا ھارارايى كۈندە ياخشى بولىدۇ »
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كۈلۈمسىرەشنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى
2015-09-08 15:54:19473«كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا
2015-08-27 19:47:211061قېينانا ۋە كېلىن
2015-09-04 21:36:52556ئەڭ يېقىملىق سۆز
2015-10-22 13:19:07945ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ «ئانا سەھرايىم» ناملى
2015-10-14 15:55:40980مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پاي چېكى ئوينىمىغىنى تۈزۈك
2015-08-27 20:55:19746ۋاز كېچىشمۇ، تاللاشمۇ ئۆزىمىزگە باغلىق
2015-08-27 20:03:121030ھەر قانداق ئىشتا ئۇزىڭىزگە يول قويۇڭ
2015-09-10 14:47:56645
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-