دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ «ئانا سەھرايىم» ناملىق شېئىرى

ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ «ئانا سەھرايىم» ناملىق شېئىرى

ۋاقتى: 2015-10-14 ئاۋاتلىقى: 790 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ «ئانا سەھرايىم» ناملىق  شېئىرى  

        




            

نەغمىچى قۇشلارنىڭ جەننىتى گويا، 
يايرىتار كۆڭۈلنى سېھىرلىك ناۋا. 
سەندىكى ساپ ھاۋا تىنىمگە داۋا، 
ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم. 


چىمەنزار باغلىرىڭ تولغان چېچەككە، 
خۇش ھىدى كۈچ بېرەر ئوتلۇق يۈرەككە، 
مېھرىڭدە ھەممىمىز يەتتۇق تىلەككە، 
ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.
 
چارۋىغا لىق تولدى كەڭرى يايلىقىڭ، 
بەھۇزۇر يايلايدۇ قوزا -تايلىقىڭ، 
ئاستىڭدا شۇنچە كۆپ مەدەن- بايلىقىڭ، 
ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم. 


دان بەردى يەرلىرىڭ دېھقان ئەجرىگە، 
مول ھوسۇل شادلىقى چىقتى ئەۋجىگە، 
چۆمۈلدى بارچە ئەل ھايات پەيزىگە، 
ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.


كۈلىدۇ زەر قۇياش خەلقىڭ چېھرىدە، 
پاك مېھرىڭ ئوخشايدۇ ئانام مېھرىگە، 
ئىگە سەن ئالەمچە چەكسىز سۆيگۈگە، 
ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم. 


پارلايدۇ توك چىراغ تۈندە چولپاندەك، 
سۇلىرىڭ توختاۋسىز ئاقار فونتاندەك، 
مېھرىڭ كەڭ گوياكى دېڭىز- ئوكياندەك،
ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.


قۇدرەت تاپ يەنىمۇ، يۈكسەل پەلەككە، 
ئۆرلىسۇن ئەل- ئاۋام يېڭى پەللىگە، 
كائىنات كۈي قاتسۇن ياڭراق نەغمىگە، 
ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.

بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى