ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ «ئانا سەھرايىم» ناملىق شېئىرى
-
ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ «ئانا سەھرايىم» ناملىق شېئىرى
ۋاقتى: 2015-10-14 ئاۋاتلىقى: 790 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ «ئانا سەھرايىم» ناملىق شېئىرى
نەغمىچى قۇشلارنىڭ جەننىتى گويا،يايرىتار كۆڭۈلنى سېھىرلىك ناۋا.سەندىكى ساپ ھاۋا تىنىمگە داۋا،ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.
چىمەنزار باغلىرىڭ تولغان چېچەككە،خۇش ھىدى كۈچ بېرەر ئوتلۇق يۈرەككە،مېھرىڭدە ھەممىمىز يەتتۇق تىلەككە،ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.چارۋىغا لىق تولدى كەڭرى يايلىقىڭ،بەھۇزۇر يايلايدۇ قوزا -تايلىقىڭ،ئاستىڭدا شۇنچە كۆپ مەدەن- بايلىقىڭ،ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.
دان بەردى يەرلىرىڭ دېھقان ئەجرىگە،مول ھوسۇل شادلىقى چىقتى ئەۋجىگە،چۆمۈلدى بارچە ئەل ھايات پەيزىگە،ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.
كۈلىدۇ زەر قۇياش خەلقىڭ چېھرىدە،پاك مېھرىڭ ئوخشايدۇ ئانام مېھرىگە،ئىگە سەن ئالەمچە چەكسىز سۆيگۈگە،ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.
پارلايدۇ توك چىراغ تۈندە چولپاندەك،سۇلىرىڭ توختاۋسىز ئاقار فونتاندەك،مېھرىڭ كەڭ گوياكى دېڭىز- ئوكياندەك،ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.
قۇدرەت تاپ يەنىمۇ، يۈكسەل پەلەككە،ئۆرلىسۇن ئەل- ئاۋام يېڭى پەللىگە،كائىنات كۈي قاتسۇن ياڭراق نەغمىگە،ھەممە تەل جەننىتىم ئانا سەھرايىم.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىشەنچ
2015-11-14 20:56:06977ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرەيلى
2015-09-02 14:37:40558مۇكەممەللىك ھەققىدە
2015-08-29 07:45:15757ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟
2015-12-08 15:29:15707«كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەتتە خىل سودا
2015-08-27 19:47:21866ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ
2015-08-27 19:31:09484ھاياتلىق ھارغىنلىق ئەمەس
2015-11-16 15:04:29877ئېرىشىش ۋە يوقىتىش
2015-12-22 14:37:38796
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-