قايتا ئۇچرىشىشنىڭ قىممىتى
-
قايتا ئۇچرىشىشنىڭ قىممىتى
ۋاقتى: 2015-11-14 ئاۋاتلىقى: 281 قېتىميانفوندا كۆرۈش
غالىب غوجىئابدۇللانىڭ« قايتا ئۇچرىشىشنىڭ قىممىتى»ناملىق ماقالىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆزىنى قانداق ئۆزگەرتىپ قويغانلىغىنى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ. بىز بۇرۇن قىممىتى بار دېگەن نەرسىلەر، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قىممىتى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز بۇرۇن ياخشى كۆرمىگەن بەزى نەرسىلەرنى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
بىز بەزىدە كىتابخانىلارغا بېرىپ كىتاب ئالىمىز، ئۇنى ئۆيگە ئەكەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ قىزىقماي قالىمىز - دە، ئۇنى كىتاب جازىسىغا قويۇپ قويىمىز، ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ كىتاب بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرگەندە، ئۇ كىتابنىڭ بىزگە ناھايىتى قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلىمىز - دە، ئۇنىڭغا قىزىقىپ كېچە - كۈندۈز ئوقۇپ كېتىمىز.
بىز بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ دىتىغا ياقمايدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە بولۇپ قالىمىز، بۇنداق كىشىلەرنىڭ مىجەزى، گەپ - سۆزى ھەتتا تەقى - تۇرقىمۇ بىزگە ياقمايدۇ، بۇنداق كىشىلەر بىلەن ئامال بار يىراقراق تۇرۇشنى، ئۇلار بىلەن ئۇچراشماسلىقنى خالايمىز. ئەمما بىز بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇنداق كىشىلەر بىلەن قايتا ئۇچراشقىنىمىزدا، بىزگە ئۇلارنىڭ مىجەزىمۇ، گەپ - سۆزلىرىمۇ ھەتتا تەقى - تۇرقىمۇ ياخشى كۆرۈنۈپ، ئۇلار بىلەن ناھايىتى يېقىن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالىمىز.
تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنى، ھەرقايسى ساھەلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، بۇرۇن بىز ياخشى كۆرمىگەن شەيئىلەرنى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىمىز. بۇرۇن ئىدىيەمىزدىن ئۆتمىگەن نۇرغۇن ئىشلار، نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىدىيەمىزدىن ئۆتۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى، ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە ۋە بىز يولۇققان شەيئىلەرگە بولغان قىممەت قارىشىمىزنىڭمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا بىز ئۇچراشقان ھەربىر ھادىسە، ھەربىر ئىش ۋە ھەربىر شەيئى بىلەن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئۇچراشساق، ئۇلارغا دەسلەپكى ئۇچراشقان ۋاقىتتىكى قىممەت قارشىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز ناتايىن. بۇنىڭ ئۈچۈن دىتىمىزغا ياقمىغان تۇرمۇش ھادىسىلىرى ۋە شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارغا نىسبەتەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تاللاش ۋە شاللاش ئېلىپ بارماي، بەلكى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت تەدبىرنى قوللىنىپ بېقىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر. بۇنداق تەدبىرنى قوللانغاندا، تۇرمۇش ھادىسىلىرى ۋە شەيئىلەر بىلەن دەسلەپكى ئۇچراشقان ۋاقىتتىكى قىممەت قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، مۈشكۈل ئىشلىرىمىزنى ئاسان قېلىپ قويۇشى مۇمكىن.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىككى چىلەك
2015-09-16 14:57:52303ئەڭ يېقىملىق سۆز
2015-10-22 13:19:07396دوستى بولۇش
2015-09-07 15:16:00186قايتا ئۇچرىشىشنىڭ قىممىتى
2015-11-14 21:30:21281ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟
2015-12-08 15:29:15197ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭلەردە ئەكىس ئەتكەن خاس ئەنئەنىۋى
2015-08-31 15:57:53220ئەخلەت بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىمىز
2015-08-27 19:55:25221بىر قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى
2015-08-30 22:19:12371
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-