دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىككى چىلەك

ئىككى چىلەك

ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 قۇدۇق ﺑﻮﻳﯩﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯧﻠﻪك ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﭼﯧﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺷﺎل ﺗﯘرﻏﺎﻧﯩﻜﻪن.
- چىلەك ئاداش ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﻛﯚرۈﻧﯩﺴﻪﻧﻐﯘ؟ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ؟- دەپ ﺳﻮراﭘﺘﯘ ﺧﯘﺷﺎل ﺗﯘرﻏﺎن ﭼﯧﻠﻪك.
-سەن ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺧﯘﺷﺎل؟ ﺑﯩﺰ داﺋﯩﻢ ﻟﯩﻘﻘﯩﻨﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﺗﻮﻟﺴﺎق، ﺑﯩﺮدەﻣﺪىلا ﻗﯘرۇﻗﺪﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪن ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎش، - دەﭘﺘﯘ غەمكىن ﭼﯧﻠﻪك.
- مەن ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﺎرﯨﻤﺎﻳﻤﻪن، ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻗﯘدۇق ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻗﯘرۇق ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻟﯩﻘﻘﯩﻨﻪ ﺳﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﻤﯩﺰ، باشقىلار ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ، ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚزى ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪن ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن،- دەﭘﺘﯘ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯚﺗﯜرەﯕﮕﯜ ﺗﯘرﻏﺎن ﭼﯧﻠﻪك ﻛﯜﻟﯜپ ﺗﯘرۇپ.
دېمەك، ﺑﻪﺧﺖ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎرﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺑﻪﺧﺖ دەپ ﻗﺎرﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ﻗﺎرﯨﺸﯩﯖﯩﺰدا ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ رول ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﯖﯩﺰدە ﻳﺎ ﺟﯩﻨﭽﯩﺮاغ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﻳﺎ ﻣﺎﻳﺎك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. تۇرمۇش ھەممىمىزگە ئورتاق بەخىش ئېتىلگەن، شۇنداقلا ھەممىمىزدە بەختكە ئىنتىلىشتەك ﺋﻮرﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﺎر، ﺋﻪﻣﻤﺎ بىزنىڭ ﺑﻪﺧﺖ ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز  ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪﻣﻪستۇر. يەنى ﺑﯩﺮىمىز ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩرىمىز ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ، دەپ ﻗﺎرايمىز خالاس. 
ئوخشاش ﺷﺎراﺋﯩﺖ، ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮىمىز  ﺋﯚزىمىزنى  ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺴﺎق، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮىمىز ﺋﯚزىمىزنى ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ بەختلىك ﮬﯧﺲ قىلىمىز. بۇ خۇددى ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ تەڭلا دﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎرﯨﺴﺎ، ﺑﯩﺮى دىلغا ﮬﯘزۇر ﺑﯧﻐﯩﺸلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎﻗﻨﺎپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻳﯘﻟﺘﯘزلارﻧﻰ ﻛﯚرسە، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﺑﯩﺮ دۆۋە ﺗﻮﭘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚرگەندەكلا ئىش. 
دېمەك، بەخت سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ تۇرمۇشقا، ھاياتقا بولغان مانا ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ پوزىتسىيىمىزگە ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺧﺖ بىزنىڭ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎرىشىمىزغا باغلىقتۇر. 

Tags:
بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى