دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاياغ ساناش

ئاياغ ساناش

ۋاقتى: 2015-11-12 ئاۋاتلىقى: 895 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 «ئاياغ ساناش» ناملىق قىسقا ھېكايىگە قۇلاق سالغايسىلەر.

▲ بىر قېتىملىق دەرس ۋاقتىدا، مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسكە دىققەت قىلماي ئولتۇرغىنىنى بايقاپ قاپتۇ. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ «بىر جۈپ چىرايلىق ئاياغ ئالغۇسى بارلىقى، ئاتا-ئانىسىدىن پۇل سورىسا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ بەرمىگەنلىكى، شۇڭا ئۇ ئاچچىقلىنىپ تاماقمۇ يېمەي مەكتەپكە كەلگەنلىكى» نى ئېيتىپتۇ. 
مۇئەللىم ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «مەن ساڭا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىمەن، سەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئاتا- ئاناڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بارلىقىنى سانىغىن، ئاندىن ئەتە ماڭا نەتىجىسىنى دېگىن» دەپتۇ. 
ئىككىنچى كۈنى، مۇئەللىم ئۇ ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ: 
- تۆنۈگۈن كەچتە ئاياغلارنى سانىدىڭمۇ يوق؟،- دەپ سوراپتۇ. 
- سانىدىم- دەپتۇ ئۇ. 
مۇئەللىم يەنە ئىچكىرلەپ: 
- سېنىڭ داداڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بار ئىكەن؟ 
- تۆت جۈپ. 
- ئاپاڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بار ئىكەن؟ 
- ئالتە جۈپ . 
مۇئەللىم سەل توختىۋالغاندىن كېيىن يەنە: 
- سېنىڭ قانچە جۈپ ئايىغىڭ بار؟ 
ئوقۇغۇچى يۈزلىرى قىزارغان ھالدا، جىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: 
-12 جۈپ،- دەپ بوش ئاۋازدا جاۋاب بېرىپتۇ. 
- سەن يەنە ئاچچىقلىنامسەن؟ 
بۇ چاغدا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆز چاناقلىرى لىقىدە ياشقا تولۇپتۇ ھەم گېلى بوغۇلغان ھالدا: 
- مۇئەللىم، مەن خاتا قىپتىمەن. بىراق مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ باقماي تۇرۇپ، قانداقسىگە ئاتا- ئانامنىڭ ئايىغىنىڭ مېنىڭكىدىن ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىڭىز؟، دەپ سوراپتۇ 
مۇئەللىم چوڭقۇر تىنغان ھالدا: 
-ئاتا- ئانىنىڭ ئايىغى دائىم پەرزەنتىنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ. ھەممە ئائىلە ئوخشاش، پەقەت پەرزەنت بولغۇچىنىڭ پات-پات ساناپ بېقىش ئېسىگە كەلمەيدۇ، خالاس. 

بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى