جىنسىيەت داۋالاش ھەرگىز «مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى» ئەمەس
ۋاقتى: 2016-10-18
ئاۋاتلىقى: 5021 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
فېئود ئېقىمىدىكى بىر روھىي ئانالىزچى شۇنداق دېگەن: بۇ خىل داۋالاش سىزنىڭ كىچىك ۋاختىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىمايدۇ. دەرۋەقە، بەزى مىساللاردىكى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن بىمارنىڭ كىچىك چىغىدىكى كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلىرىدىن كېلىپ چىققان .
جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش جەريانى ئادەتتە قىسقا بولىدۇ، ھەرگىز مەڭگۈ توختىماي داۋام قىلىۋەرمەيدۇ. بۇ جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاشتىكى خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، ئەلۋەتتە. بىر جىنسىي كېسەللىك دوختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر جىنسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى كۆڭۇللۇك ۋە نۇرمال بولسا، داۋالاش مۇددىتى سەككىز ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە بولدىكەن .
بەزى دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش دەرسىگە تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىكەن، جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش دەرسى ھېچقانداق ئەمىلىي جىنسي پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ھېچبولمىغاندا، دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت يۇز بەرمەيدۇ . جىنسىي جەھەتتىكى داۋالاش دەرسىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە دوختۇر بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ ئائىلدە مەشغۇلات قىلىشتىن ئىبارەت . ئائىلىدىكى مەشغۇلات كۆز قارش ۋە مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتەك ئاددىي ئەقلىي پائالىيەتلەر ھەمدە كىتاپ ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ .
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلىدىكى مەشىقلەر بولۇپ، ئىنتايىن مەخپى بولىدۇ . شۇڭا، دوختۇرنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئوسال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلىشىڭىز ھاجەتسىز .