جىنسى ئالاقە ئوڭۇشلۇق بولمىغاندا
ۋاقتى: 2016-08-07
ئاۋاتلىقى: 3058 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا جىنسىي ئالاقە ئوڭۇشلۇق بولماسلىق ھادىسىسى داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئوڭۇشلۇق بولماسلىق ئەھۋالى ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدىلا باشلىنىدۇ. بەزىدە سىرىتقى تەسىر ۋە بەدەندىكى تۇرلۇك ئامىللار تۇپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزىلەردە جىنسىي ئالاقە باشتىن ئاخىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بەزىدە تاسادىپىي ئوڭۇشسىز بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. مەيلى قانداق ئەھۋال بولسىمۇ بەزىدە تاسادىپىي ئۇڭۇشسىز بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن جىنسىي ئالاقە ئوڭۇشلۇق بولمايدىغان ئەھۋال يۇز بەرسە مەيلى مەسىلە ئەر ياكى خوتۇن تەرەپتە بولسۇن ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە توغرا پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ مەسئۇلىيتى كۆكسىنى كەڭ تۇتۇشى بۇنىڭغىمۇ رازىمەنلىك پوزىتسىيسىدە بولىشى لازىم. جىنسىي ئالاقە قىلشىتىن ئىبارەت جىنسىي پائالىيەت ئەر ياكى خوتۇننىڭ بىرىنىڭلا ئىشى بولماستىن بەلكى ئۇ ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى ۋە كۇچىنىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنسىي مۇھەببەت پائالىيتىدىن ئىبارەت. ناۋادا جىنسىي ئالاقە جەھەتلەردە مەلۇم توسالغۇ ياكى قانائەتلەنمەسلىك ئەھۋالى سادىر بولسا ھېچكىممۇ رەنجىمەسلىكى، ئاغرىنماسلىقى،ئەجەبلەنمەسلىكى لازىم، مۇبادا بىر بىرىنىڭ ھالىغا دەردىگە يەتمىسا، كۆڭلىنى ياساپ تەسەللى بېرىشمىسە، ئىشىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى كۆچىيىپ كېتىدۇ، شۇنى چۇشىنىۋىلىش كېرەككى، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى جىنسىي ھەركەتلەر يالغۇزلا جىنسىي ئالاقە قىلىشنىلا مەزمۇن قىلمايدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا جىنسىي ئالاقە قىلىشقاندا تولۇق قانائەت ھاسىل قىلالمىسا، بۇنىڭغا توغرا پوزىتسىيدە بولۇش، ئەرنىڭ كۆڭلىنى ياساش، ھالىغا يېتىش،تېخىمۇ ئىنتايىن زۆرۇر. جىنسىي ئالاقە ئوڭۇشلۇق بولمىغاندا ئەڭ ئۇنۇملۇك،ئەڭ مۇۋاپىق پوزىتسىيە ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسى رىئاللىققا يۇزلىنىش،كونىنى سۇرۇشتۇرمەسلىك،مەسىلە يۇز بېرىشتىكى فىزىئولوگىيلىك ،پىسخىكىلىك سەۋەبلەرنى ئورتاق ئىزدىنىش،كۆڭلىدىكى غەشلىكنى چىقىرىۋىتىپ ئۆز ئارا ماسلاشقان ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش ئۇچۇن،بەخىتلىك ئامراق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۇچۇن ئورتاق تىرىششتىن ئىبارەت توغرا يولنى تاللىشى لازىم.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ.
«ئەر خوتۇنلار مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x015 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags: