ئاياللاردىكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى ۋە ئالامىتى
ۋاقتى: 2016-08-15
ئاۋاتلىقى: 3126 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىللەت ئايال كىشىنىڭ جىنىسى ئەزاسىدا بولسا، ئۇ تۆۋەندىكىدەك 7 خىل بولىدۇ:
(1) بالىياتقۇ ئېغىزىغا پەردە ئۆسۈۋالىدۇ. ئۇ زەكەرنىڭ كىرىشى ياكى ئابى مەنىينىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان ئايال ئەرەبچە «رەتقا» ياكى «ئەقلا» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ئايرىم بايان قىلىنىدۇ.
(2) بالىياتقۇدا زىيادە گۆش ئۆسۈپ ئۇ يارىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئاقمىغا ئۆزگۈرەيدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ھامىلىدار بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
(3) بالىياتقۇدا بىرەر ياللۇغ پەيدا بولىدۇ.
(4) ئايالنىڭ زىيادە سېمىزلىكىدىن بولىدۇ.
(5) بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ بىر يانغا قىيسىيىپ قالغانلىقتىن ئابى مەنىينىڭ جايىغا ئورۇنلىشالماسلىقىدىن بولىدۇ.
(6) بالىياتقۇ مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز سوغۇقلۇق، ئىسسىقلىق ياكى ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن بۇزۇلىشدىن پەيدا بولىدۇ.
(7) بالىياتقۇ مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بۇزۇلىشى كۆپ ھاللاردا سوغۇق سۇ ئىچىش ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشدىن پەيدا بولىدۇ. بالىياتقۇ مىزاجى ھۆل سوغۇقتىن بۇزۇلسا ئابى مەنى ھۆللۈك سەۋبىدىن بۇزۇلىدۇ. بۇ خۇددى سۇلۇق يەرگە ئۇرۇق سېلىنسا ئۇرۇقنىڭ سېسىپ قالغىنىغا ئوخشايدۇ.
شۇنىڭدەك، بالىياتقۇدا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كۆپ بولسا بالىياتقۇنىڭ قۇۋۋىتى ماسىكە(تۇتۇپ تۇرغۇچى كۇچ)سى بىلەن قۇۋۋىتى جازىبە(تارتقۇچى كۈچ)سىنى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئابى مەنىنىڭ بالىياتقۇغا كېلىشى ۋە جايلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
بالىياتقۇ مىزاجى ئىسسىقتىن بۇزۇلسا، ئابى مەنىنى كۆيدۈرىدۇ، خۇددى قىزىق تۇپراققا ئۇرۇق سېلىنسا ئۇرۇقنىڭ ئۈنمىگىنىگە ئوخشايدۇ.
بالىياتقۇ مىزاجى قۇرۇقلۇقتىن بۇزۇلسا، ئابى مەنىنىڭ ھۆللۈكنى بالىياتقۇ ئۆزىگە شۈمۈرۈپ ئۇنىڭ ھۆللىكىنى خورىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەرزەنت تۆرۈلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. بۇ خۇددى قۇملۇققا ئۇرۇق سېلىنىسا ئۈنمىگىنىگە ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئايالنىڭ يېشىنىڭ كىچىك بولىشى، كۆپ جىما قىلىش، كۆپ مەست بولۇش، جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش، ئاشقازان ھەزمىنىڭ ناچارلىقى، بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، ئەر-ئايالنىڭ مەنىيسىنىڭ ماسلاشماسلىقى، گەرچە بىر تەرەپنىڭ مەنىسى ياخشى بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپنىڭ مەنىسى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ياخشى مەنىنى بۇزۇشى، ھەيز كۆرۈشتىن قالغان ياكى داۋاملىق ھەيز كۆرىدىغان ئايال بىلەن جىما قىلىش، كۆپ قان ئالدۇرۇش، مېڭە، يۈرەك، جىگەرنىڭ ئاجىزلىقى، تولا قورقۇپ غەم قىلىش، مەلۇم ھادىسە بىلەن ئەر ياكى ئايالنىڭ نەسىل ئەزالىرىنىڭ بىرەرسىنىڭ زەخمىلىنىشى، ئايالنىڭ جىمادىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ سەكرىشى ياكى سۇزاپقا ئوخشاش تۇغماسلىققا سەۋەب بولىدىغان يېمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ تۇغماسلىق پەيدا بولىدۇ.