پارازىتلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر
ۋاقتى: 2016-08-10
ئاۋاتلىقى: 1399 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1.جىنسىي يول تامچە قۇرۇت كىسىلى: جىنسىي يول تامچە قۇرۇتى جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بىر ھۈجەيرىلىك پارازىت قۇرۇت. ئۇ ئاساسەن سۈيدۈك يولى ۋە جىنسىي يولنى يوقۇملاندۇرىدۇ. بۇ خىل پارازىت بىلەن يوقۇملانغۇچى ئەرلەردە ئادەتتە ئالامەت كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن ئاياللاردا بولسا يەرلىك ئورۇن قىچىشىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، سىيگەندە ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا بۇ ئالامەتلەر بەكرەك كۆرىلىدۇ. جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئاقۇش، سارغۇچ، شىلىمشىق، سېسىق پۇرايدىغان كىلىشى مۇمكىن. ئادەتتە كۆپ قىسىم ئاياللاردا يوقۇملىنىپ 5 كۈندىن 28 كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا ئالامەت كۆرىلىدۇ.
2.تەسۋىسىمان باكتىرىيە كىسىلى (念珠菌病): تەسۋىسىمان باكتىرىيىدىن يوقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، تەسۋىسىمان باكتىرىيە گەرچە باكتىرىيە دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن ئەمىليەتتە زەمبۇرۇغ بولۇپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل يوقۇملىنىشنى پارازىتلار تۈرىگە ئايرىغان. بۇ خىل يوقۇملىنىش بەدەندىكى قىسمەن رايونلارنى يوقۇملاندۇرىشى مۇمكىن، مەسىلەن: ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى، ئەرلەرنىڭ زەكەر بېشى ۋە زەكەر تېرىسى، زەكەر ئەتراپىدىكى بەزلەر قاتارلىقلار. ئەگەر بەدەننىڭ ئىممونت كۈچى ئاجىزلاشقان ئەھۋالدا (راك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ خمىيىلىك داۋالاش ۋە فىزىكىلىق داۋالاش قىلغاندا بەدەندىكى ئىممونت ھۈجەيرىلىرى كۆپ مىقداردا ئۈلىدۇ-دە، ئىممونت ئىقتىدارا مەلوم دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ؛ ئاق قان كىسىلى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسىدىن بورۇن كۆپ مىقداردا ئىممونتنى چەكلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىپ، ئىممونت كۈچىنى ئاجىزلاتقاندىن كېيىن ئاندىن يىلىك كۈچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بەدەننىڭ كۈچۈرۈلگەن يىلىكنى چەتكە قېقىش ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىپ، يىلىك كۈچۈرۈشنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىنى يوقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن ئاشۇ ئىممونت كۈچى ئاجىزلىغان مەزگىلدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بىر خىيىم-خەتەر دەل تەسۋىسىمان باكتىرىيىگە ئوخشاش پۇرسەتلىك يوقۇملىنىسلاردىن يوقۇملىنىپ قىلىش خەۋپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ؛ ئەيدىز بىلەن يوقۇملانغۇچىلارنىڭمۇ ئىممونت ئىقتىدارى ئەيدىز ۋىروسى تەرىپىدىن ئاجىزلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، يۇقارقى يوقۇملىنىش بىلەن يوقۇملىنىشى مۇمكىن)، قىسمەن بەدەنلىك يوقۇملىنىش كېڭىيىپ پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىق يوقۇملىنىشقا ئۆزگۈرىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئېغىز بوشلىقىدىكى شىللىق پەردە، قىزىل ئۆڭگەچ قاتارلىق جايلاردا يوقۇملىنىش كۆرۈلىشى، ئېغىر بولغانلىرىدا ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.