ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يەنىلا قەلەم، قەغەز ئىشەنچىلىكمۇ؟

يەنىلا قەلەم، قەغەز ئىشەنچىلىكمۇ؟

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 989 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈن ئالىم ئەھەت بىلوگى قايتا ئېچىلدى، ئەسلىدە 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردىن باشلاپ تۇيۇقسىز ئېچىلماس بولۇپ قالدى. بەزى تورداشلار «ئالىم مۇئەللىم بېيجىڭدا ئىدى، زادى نېمە بولغاندۇ؟»-دەپ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلسە، يەنە بەزى تورداشلار «بىلوگىغا ICP ئىلتىماس قىلماپتىكەن، شۇڭا توختاپ قاپتۇ»-دېيىشتى، بىر قىسىم تورداشلار ھەتتا «بىلوگىڭىز ئېچىلماس بولۇپ قالدى، قارىغاندا چەكلىۋېتىپتۇ-ھە»-دەپمۇ سورىدى. ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەن شۇ ئىكەندە. قارىغاندا ئالدىنقى ھەپتە مېنىڭ بېيجىڭدا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىم تورداشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قاپتۇ.

ئۇنداق بولسا ئالدى بىلەن تيەنئەنمېننى كۆرگەچ تۇرۇڭلار، قەشقەرگە بارغاندا ھېيتگاھنى كۆرمىسەك بولمىغاندەك، بېيجىڭغا بارغاندا تيەنئەنمېننى كۆرمىسەك بولماسمىش. كۆزۈمنى دوختۇرغا تەكشۈرتۈش ۋە ياخشى كۆزئەينەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ۋاڭفۇجىڭ (王府井) تەرەپكە بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ ئالدىدىن پىيادە ئۆتكەچ، بىر-ئىككى پارچە رەسىم چۈشۈپ قويدۇم.

ئەمدى بىلوگىمنىڭ ئالدىنقى ھەپتە نېمە ئۈچۈن ئېچىلماس بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە توختىلاي:
ئالىم ئەھەت بىلوگى 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ يەكشەنبىلىك سۆھبەت پىروگراممىسى ئالاھىدە سەۋەب بولغان ئىدى. مەن سۆھبەتتە مېنىڭمۇ بىلوگ ئاچماقچى بولغانلىقىمنى دېدىم، لېكىن، كېچىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن شۇ كۈنىلا ئېلان قىلغان ئىدىم. مەن رەسمىيەتلەرنى ئاز بېجىرىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز شياڭگاڭدىكى مۇلازىمېتىردىن بوشلۇق سېتىۋالغان ئىدىم. ھەر ئايلىق نورمىدىكى زىيارەت ئېقىمى 20 گېگابايت بولۇپ، بۇ مەن ئۈچۈن يېتەرلىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىلوگ يېزىپ مەشىق قىلىپ، بىلوگگېر ساھەسىگە قەدەم باستىم. لېكىن پىروگراممېرلىقتىن ۋاز كەچمەيمەن ئەلۋەتتە.

ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدا مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە مىكروسوفت بىلەن سۆھبەتلەشكەن پائالىيەتلىرىمنى ئېلان قىلدىم ھەم يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى يازماقچى بولغان ئىدىم. بەزى داڭلىق مۇنبەرلەر بىلوگىمدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىپتۇ. بىلوگىمدىكى رەسىملەرنى ئۇلىنىش ھالىتىدە تەمىنلەپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ بىلوگىم ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى، لېكىن، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىلوگىمنىڭ زىيارەت مىقدارىمۇ شىددەت بىلەن ئېشىپ، 20 گېگابايتلىق ئايلىق ئېقىم مىقدارى تۇشۇپ قالدى ھەم يەنە مۇلازىمېتىردىنمۇ چاتاق چىقىپتۇ. مۇلازىمېتىر ئالماشتۇرۇلغانلىق سەۋەبىدىن بەزى يازمىلار يوقاپ كەتتى. بىلوگىم ئېچىلغىنىغا ئاران 15-16 كۈن بولغاچقا ھەم تېخى كۆپ مەزمۇن بولمىغاچقا، ئىچىدىكى نەرسىلەرنى زاپاس قىلىشنى تېخى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن. ئەمما، بېيجىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتا بىلوگ توختاپ قېلىپ، كاللامغا كەلگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋاقتىدا يېزىشتىن مەھرۇم قالدىم، ناۋادا، ئەسلەپ يېزىشقا توغرا كەلسە، شۇ كۈندىكى تەسىرات بۇيىچە چىقىشى ناتايىن. قارىغاندا كومپيۇتېر ۋە تور ئارقىلىق يېزىلىدىغان بىلوگ (تور خاتىرىسى)دىن يەنىلا قەلەم ۋە قەغەز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ئىشەنچىلىك ئوخشايدۇ.

تورداشلارغا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىشلاردىن قىسقىچە ئۇچۇر بەرسەم، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى (شەنبە) چۈشتە بېيجىڭغا بېرىپ، 1-ماي (يەكشەنبە) كەچتە ئۈرۈمچىگە سالامەت قايتىپ كەلدىم.
بېيجىڭدىكى بىر ھەپتىلىك سەپەردە ھەر بىر كۈن ئىنتايىن ئالدىراش، نەتىجىلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتتى. مەن ۋە ئۇيغۇرسوفتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى نەتىجىلىك پۈتتۈرۈپ كەلدىم. كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمەت !

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى