ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئېرى بىلەن دېيىشىدىغان «مەخپىي» پاراڭ

ئېرى بىلەن دېيىشىدىغان «مەخپىي» پاراڭ

ۋاقتى: 2015-09-17 ئاۋاتلىقى: 747 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئېرى بىلەن دېيىشىدىغان «مەخپىي» پاراڭ: ئەگەر دادا بولماقچى بولسىڭىز، 3 ئاي بۇرۇنلا ئىسپېرمىڭىزنىڭ ئاسراڭ.
ساغلام بالا تۇغۇش ئۈچۈن، ئايال تەرەپ پەقەت ئۆزىگىلا ئەھمىيەت بەرمەستىن، يەنە يولدىشىنىڭمۇ دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىشى كېرەك. 
تاماكا چېكىش 
تاماكا چېكىش ھامىلىدارلىققا پايدىسىز، چۈنكى تاماكىنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىننىڭ جىنسىي ھورموننىڭ ئاجرىلىشىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىسپېرمىنى ئۆلتۈرۈش رولى بار. ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچكەندە ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ھۈجەيرىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھاراق تاماكىنى تاشلاپ، ئىسپېرمىنى كۈچلەندۈرۈپ، زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى زەھەرنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسپېرمىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى بىر مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. 

ھاراق ئىچىش
نورمال ئادەم ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچكەندە، تەن-سالامەتلىككە زىيانلىق. توي قىلغان ئەر-خوتۇننىڭ بىر تەرەپ ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچكەندە، ئۇرۇق ياكى تۇخۇمنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باشلىنىشىدىلا ئايالنىڭ غەيرى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا ئېرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر قىلىپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپىرت يەنە تۆرەلمە ئارقىلىق ھامىلىنىڭ قېنىغا كىرىپ، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى يېتىلىشىنىڭ نورمالسىزلىقى، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە ئەقلىي-ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش ئونىۋېرسال ئالامەتلىرى دېيىلىدۇ. 
ئەگەر بىر ئەقىللىق ۋە ساغلام بىر بالىغا ھامىلىدار بولماقچى بولسىڭىز، ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ كەم دېگەندە ئالتە ئاي، بولمىسا بىر يىل بۇرۇن ھاراق ئىچىشنى توختىتىشىڭىز كېرەك.  
دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ئىچىشكە بولمايدىغان دورىلار
بەزى دورىلارنىڭ ئىسپېرمىغا ناھايىتى چوڭ تەسىرى بار، مەسىلەن مورفىن، خلورو پرومازىن، ئېرىترومىتسىن، (利福平) ۋە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى، (环丙沙星) قاتارلىقلار، ھامىلىدار بولغان ھامان ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ بەزى سەۋەبلىرىمۇ ئۇرۇقنىڭ زەخىملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇن دورىلار ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە ئۇرۇق سۈپىتىگە يامان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن گىستامىن، راكقا قارشى تۇرغۇچى دورىلار، كوففېئىن، مورفىن، (类固醇) ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار قاتارلىقلار. دورا تەركىبى بار ئىسپېرما جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا بالىياتقۇغا كىرگەندىن كېيىن، بالىياتقۇنىڭ شىلىمشىق پەردىسى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، قانغا كىرىدۇ ۋە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش ۋە غەيرى بوۋاق بولۇشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ دورىلار بوۋاقنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ئاستا بولۇشى، ھەرىكىتىنىڭ غەيرى بولۇشى ۋە باش قىسمىدا ئۆسمە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن دورا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش، ئەگەر دورا ئىشىلتىش زۆرۈر بولسا، دورا ئىچىشنى توختاتقاندىن كېيىن يېرىم يىلدىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك.
ئىسسىق سودا يۇيۇنغاندا، ئىسپېرمىنى زەخىملەندۈرۈپ، بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇرۇقدان ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەزا بولۇپ، ناھايىتى نازۇك، تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە قورساق بوشلۇقىدىن ℃2~℃3 تۆۋەن بولىدۇ. مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقۇرلىغاندا، ئۇرۇقداننىڭ تېرىسى بوشىشىپ، ئاسانلا ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ؛ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە تېرە قىسقىرايدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنى قوغدايدۇ. 
ئامېرىكىلىق تۇغۇت ئالىمىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشچە، ئۇرۇقدان تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۇرۇقنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ دادا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنماسلىق ھەققىدىكى بىر  ناھايىتى ياخشى ئاگاھلاندۇرۇش. ئۇزۇن مەزگىل ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، ئەمەلىيەتتە ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرغانلىق بولۇپ، ئۇرۇقنىڭ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتورىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، نورمال ئۇرۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى