ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەكشۈرتۈشتىكى قوش بىسلىق خەنجەر(2)

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەكشۈرتۈشتىكى قوش بىسلىق خەنجەر(2)

ۋاقتى: 2016-06-18 ئاۋاتلىقى: 612 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى(Bچاۋ)
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزى ئاياللار مەلۇم مەقسەتلىرى ئۈچۈن توختىماي ھەرخىل دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قايتا-قايتا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش قىلىدۇ. گەرچە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش زۆرۈر بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ھامىلىگە بولغان زىيىنىنى ئويلىشىش لازىم.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئسپاتلاپ كۆرسىتىشىچە، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولغاندا تۆرەلمە تىۋىتچىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن،بۇنىڭ ئالامەتلىرى ھۈجەيرىلەرنىڭ تىزىلىش تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ھۈجەيرە ئىچىدە كۆپۈكسىمان قۇرۇلما پەيدا بولىدىكەن، داۋاملىق تەرەققىي قىلغاندا يەنە ھامىلىنىڭ غەيرى شەكىل بولۇپ قېلىشى ۋەھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا ھامىلىگە بولغان تەسىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈتۈش ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ قېتىم بولسا:
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە گىنېكولوگىيىلىك(ئاياللار كېسەللىكلىرى) دائىملىق تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھامىلىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. مەسىلەن، بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ھېچقانداق ھامىلىدارلىق بەلگىلىرى كۆرۈلمەي، ئەكسىچە بالىياتقۇ سىرتىدا بىنورمال قايتما ئاۋاز دولقۇنى كۆرۈلسە، باشقا كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش دەپ دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتە،ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىپ، ھامىلىنىڭ نورمال ھامىلە ياكى قوشكىزەك، ئۈزۈم تۆرەلمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، تەخمىنەن خۇن چىگىلىپ 16ھەپتە بولغاندا يەنە بىر قېتىم ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھامىلە شەكىلىدە بىنورماللىق بار-يوقلىقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ بىنورماللىقى بايقالسا، خۇن چىگىلىپ 20 ھەپتە ئىچىدە ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىش بىرقەدەر مۇۋاپىق.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى يەنى خۇن چىگىلىپ 36 ھەپتىدىن كېيىن، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق باش سۈيىنىڭ مىقدارى ۋە بالا ھەمرىيىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. باش سۈيى زىيادە كۆپ ياكى ئاز بولسا، شۇنداقلا بالا ھەمراھى قېتىشىپ ياكى ئىقتىدارى ناچارلاشقان بولسا، ھامىلىنى بالىياتقۇدا داۋاملىق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، زۆرۈر بولغاندا قورساقنى يېرىپ ھامىلىنى ئېلىش كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى