ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەر-ئاياللارنىڭ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩق ﺋﻪﺩﻩﺑﻠﯩﺮﻯ

ئەر-ئاياللارنىڭ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩق ﺋﻪﺩﻩﺑﻠﯩﺮﻯ

ۋاقتى: 2016-06-11 ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 يېقىنچىلىقنىڭ ئەدەبلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
 1. بىسمىللا دېيىش: ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ”بسمىللاھىر رەھما نىر رەھىم“ دېيىشى ۋە دۇئا قىلىشى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆزىنىڭ ئەھلىگە كېلىشتىن بۇرۇن، ”بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم، ئى ئاللاھ بىزدىن ۋە بىزگە بېرىدىغان رىزىقىڭدىن (يەنى پەرزەنتىمىزدىن) شەيتاننى يىراق قىلغىن، دەپ دۇئا قىلسا، ئەگەر ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بالا بولۇپ قالسا، بۇ بالىغا شەيتان ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.“ (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)


 2. تەييارلىنىش: جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن بۇرۇن ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ تەييارلىنىشى ئالاھىدە مۇھىم ئىشتۇر. ئەركىشىنىڭ ئايالىغا مۇقەددىمىسىز ھالدا، تۇيۇقسىز كېلىشى ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىگە باقماستىن، ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرۇش نىيىتى بىلەنلا ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشى تولىمۇ ئاڭسىزلىق ۋە ئىنساپسىزلىقتۇر. ئەر كىشى ئىستىگەننى ئايال كىشىمۇ ئىستەيدۇ. بىراق، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئەكسىچە، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تەييار بولالمايدۇ. چۈنكى ئايال كىشىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋەسلىرى ئىنتايىن ئاستا قوزغىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئايال كىشىلەرگە مۇقەددىمىسىز يېقىنچىلىق قىلىش ئۇلارنى نەپرەتلەندۈرۈش كەيپىياتىغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئەر كىشى ئۆزىنىلا ئويلىماستىن، ئايالىنىمۇ ئويلىشى، ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن يېقىنلىشىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۈچ نەرسە ئەر كىشىدىكى ئاجىزلىقلاردىندۇر، بىرى بىراۋ بىلەن تونۇشۇپ ئىسمى ۋە نەسىبىنى سورىۋالماستىن ئايرىلىش، ئىككىنچىسى بىراۋ ئۇنى ھۆرمەتلىسە ئۇنىڭ ئىززىتىنى چۈشۈرۈش، ئۈچىنچىسى ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىتىپ ئۇنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا تۇيۇقسىزدىن يېقىنچىلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەۋىسىگە ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئۆزىنىڭلا ھەۋىسىنى قاندۇرۇۋېلىش.“ (دىلمىي رىۋايىتى) يەنە بىر ھەدىستە: ”ئايالىڭلارغا ھايۋانلار بىر-بىرىگە ئېتىلغاندەك ئېتىلماڭلار. ئۇنىڭ ئالدىنقى مۇقەددىمىلىرىگە رىئايە قىلىڭلار“ (دىلمىي رىۋايىتى)



 3. يۆرگىنىش: يېقىنچىلىق ئەسناسىدا، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئېچىلماستىن ئۈستىنى بولسىمۇ، يۆرگىۋېلىشى ئىسلامىي ئەدەب ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىپ: ”ئايالىڭلارغا كەلگىنىڭلاردا ھەر ئىككىلىڭلار ئۈستۈڭلارنى يېپىڭلار، چاھار پايلاردەك يالىڭاچ بولىۋالماڭلار.“ دېگەن. (بۇخارىي رىۋايىتى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭدىن كۆرمىگەن، مەنمۇ ئۇنىڭدىن كۆرمىگەنتىم“. (يەنى ئۇياتلىق جايلىرىمىزغا قاراشمايتتۇق) (بۇخارىي رىۋايىتى) 



 4 . سىر ساقلاش  ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلارنى سىرتقا يايماسلىق، بولۇپمۇ يېقىنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ ئىماننىڭ تەلەپلىرىدىن سانىلىدۇ. ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى ساقلىيالماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقىغا، ۋىجداننىڭ يوقلىقىغا ۋە ئەخلاقنىڭ ناچارلىقىغا ئىشارەتتۇر. مۇنداق سىرلارنى ساقلىيالماسلىق ئەر-خوتۇنلۇق رىشتىسىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ھاقارەت، بىرـ بىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چىن ئشەنچكە پەسكەشلەرچە خىيانەت قىلغانلىق ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر. بۇ ئىشنىڭ گۇناھىنىڭ شۇنچىلىك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىش ھەدىسلەردا قاتتىق سۆكۈلگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ يامان كىشى ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ سىرىنى سىرتقا يايغان كىشىدۇر.“ (مۇسلىم رىۋايىتى) ئاللاھ قۇرئاندا: ”ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر“. دەيدۇ. (بەقەرە سۈرىسى187 ـ ئايەت) بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى، كىيىممۇ ئىنساننىڭ بەدىنىنى سوغۇقتىن ۋە ئىسسىقتىن مۇداپىئە قىلىپ ساقلىغاندەك، سىلەرمۇ بىر ـ بىرىڭلارنىڭ سىرلىرىنى، ئەيىپلىرىنى ۋە نۇقسانلىرىنى كىشىلەردىن يوشۇرۇپ ساقلىشىڭلار كېرەك دېگەنلىكتۇر.

 

«ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق ئەپ(يۇمشاق دېتال)دىن ئېلىندى، بۇنى تەمىنلىگەن قېرىندىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى