ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ؟

قانداق قىلغاندا ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ؟

ۋاقتى: 2015-12-29 ئاۋاتلىقى: 749 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسكەرتىش: بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز، ساق ياكى كەمتۈك تۇغۇلۇشى بىزنىڭ ئىلىكىمىزدىكى ئىش ئەمەس، بىز پەقەت سەۋەب قىلغۇچىلارمىز، شۇڭا بۇ يازمىلار پەقەت نوپۇزلۇق خەنزۇچە تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى، سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە كۆپ دۇئا قىلىپ كۆپ ئىستىغفار ئېيتقاندا ئوغۇل تۇغۇشقا ئاللاھ خالىسا نىسىپ قىلىدۇ! ھەر بىرىڭلارنىڭ ئارزۇيىڭلارغا يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

 


تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىنى ياخشى بىلىۋېلىش
ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىگە ئاز قالغاندا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بۇ ئۇغۇل تۇغۇشقا پايدىلىق، بۇ Y  ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكەتلىشىنى ياخشى، ئۆمرى قىسقا، ۋە X ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكىتى ئاستا، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلكتىن پايدىلانغان. سۈنئىي ھالدا ئىسپېرما بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرىكىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلانغان. بىرگە بولۇشتىن ئاۋال تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك، سىناق قەغىزى سېتىۋېىلىپ سىناپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، جىنسىي ئالاقە قىلغان ۋاقىت قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇلۇشتىكى ھالقىلىق ئامىل. چۈنكى تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىدە ياكى شۇنىڭغا ئاز قالغان ۋاقىتتا، جىنسىي يولدىكى سۇيۇقلۇقلار بىر قەدەر ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا جىنسىي ئالاقە قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ Y ئىسپىرمىسى (ئەرلىكنى ىپادىلەيدىغان ئىسپېرما) نىڭ تۇخۇم بىلەن ئالدىن بىرىكىش پۇرسىتى ئاشىدۇ- دە، بالا ئوغۇل بولىدۇ. ئەكسىچە، تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ياكى ئۈچىنچى كۈنى، جىنسىي يولدىكى ئاجرالمىلار بىر قەدەر  كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، X ئىسپېرمىنىڭ (ئاياللىق ئىسپېرما) تۇخۇم بىلەن ئالدىن بىرىكىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ- دە، بالا قىز بولۇپ تۇغۇلىدۇ. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى، بەدەن  تېمپېراتۇرىسىنى توغرا ئۆلچەپ، تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتكەن كۈنى بولسا تۇخۇم چىقىرىش دەۋرى بولىدۇ، ئەگەر جەزملەشتۈرەلمىگەندە، دوختۇرخانىغا بېرىپ، بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى توغرا ئۆلچىگەن ئەھۋالدىمۇ، بەزى كىشىلەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى چۈشكەن ۋاقىتنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا تۇخۇم چىقىرىش كۈنى دەپ گۇمان قىلغان كۈننىڭ ئالدى كەينىدە  ئامال بار دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، بۇ كۈننىڭ تۇخۇم چىقىرىش كۈنى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك.



تۇخۇم چىقىرىش كۈنىدە ياكى تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن جىنسىي ئالاقە قىلىش
 چۈنكى ھەرىكىتى سەل تېزراق بولغان ئەرلىك ئىسپېرمىسى ئاياللىق ئىسپېرمىسىغا قارىغاندا تۇخۇم بىلەن ئاۋال بىرىكىدۇ؛ تۇخۇم چىقىرىش كۈنى ياكى ئىككىنچى كۈنى جىنسىي ئالاقە قىلغاندا، بۇ چاغدىكى جىنسىي يولنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، ئەرلىك ئىسپېرمىسىنىڭ ياشىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار بولۇش نىيىتى بولسا، مۇشۇ ئايدىكى ھەيز دەۋرىدىن كېيىن ئون كۈندىن ئون بەش كۈنگىچە يولدىشى بىلەن بىرگە بولماسلىق، تاكى ئاق خۇن كۆپىيىپ، ئىككىسىنىڭ بىللە بولغۇسى كەلگەن، كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولغاندا بىرگە بولۇشى كېرەك. تۇخۇم چىقىرىش دەۋرى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن جىنسىي ئالاقە قىلغاندا،ھەرىكىتى تېز بولغان ئەرلىك ئىسپېرما ئاياللىق ئىسپېرمىغا قارىغاندا تۇخۇم بىلەن تېز بىرىكىدۇ، جنسىي ئالاقە قېتىم سانى ئاز بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئەرلىك ئىسپىرمىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئامال بار دېھقانلار كالىندارى بويىچە ئاينىڭ بېشىدا ياكى ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرگە بولغاندا، پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

 

 


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى