ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىگە ئاز قالدىم، B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرتسەم بالىياتقۇدا ھامىلىنىڭ شەكىللەنگەن شەكىللەنمىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-26
ئاۋاتلىقى: 686 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىگە ئاز قالدىم، B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرتسەم بالىياتقۇدا ھامىلىنىڭ شەكىللەنگەن شەكىللەنمىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟
ھامىلىدارلىق مەزگىلى ئاخىرقى ھەيزنىڭ تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھامىلىدار بولۇپ 40 كۈن بولغاندا B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈپ ھامىلە قېپىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن قىسقا بولسا تەكشۈرگەندە چىقمايدۇ. مۇبادا 40 كۈن بولغاندىمۇ تەكشۈرۈشتە بايقالمىسا، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بوپ قالدىمۇ يوق دېگەننى ئويلىشىپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈش كېرەك.