ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوزۇقلۇق ۋە بالىلار

ئوزۇقلۇق ۋە بالىلار

ۋاقتى: 2016-06-03 ئاۋاتلىقى: 848 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

غالىب خوجا ئابدۇللا
بالىلارغا ياخشى يېگۈزۈپ، ئۇلارنى ساغلام ئۆستۈرۈش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. نۇرغۇن ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە تاماقنىڭ ياخشىسىنى بېرىپ، ئۇلارغا مېھرىنى يەتكۈزۈشنى ئويلايدۇ. ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىمىزدىمۇ بالىلارغا تاماقنىڭ ياخشىسىنى بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تاماقلانغاندا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قاچىسىدىكى گۆش ۋە قورۇمىلارنىڭ ياخشىلىرىنى پارلاپ بېرىدۇ. ئالايلۇق: گۆشنىڭ ياغسىز يېرىنى، توخۇنىڭ پاچىقىنى، بېلىقنىڭ قىلتىرىقسىز يېرىنى دېگەندەك. بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ كاللىسىدا چوڭلارنىڭ ماڭا كۆيۈنۈشى، ياخشى تائاملارنى بېرىشى مۇقەررەركەن، دېگەن ئاڭ شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ياخشى تائاملارنى يېيىشىگە، ياخشى تۇرمۇش كۆرۈشىگە چىدىمايدىغان، ھەتتا ئاتا-ئانىسى، قان-قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزىدىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگىمۇ ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھەم مېھرىبان ئاتا-ئانا، ھەم كۆيۈمچان ئۇستاز بولۇشى لازىم. ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلاردىكى بولمىغۇر ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا باشقىلار بىلەن جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، ئاتا-ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىغا، دوست-بۇرادەرلىرىگە كۆيۈنىدىغان ئەقىللىق، زېرەك ۋە مېھرىبان بالا بولۇشقا يېتەكلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە تاماقلىنىش ئادىتىگە دىققەت قىلىشى، چۆمۈچكە نېمە چىقسا، بالىلارغا شۇنى بېرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا بالىلار تۇرمۇشتىكى نەرسىلەرنى ئادىل، تەڭ تەقسىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ چوڭىيىدۇ، باشقىلار بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان قاراشنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
ئادەتتە، چوڭلار بالىلارغا مېھرىنى ئايىماسلىققا ئادەتلەنگەن. بولۇپمۇ ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىگە يېمىگەننى يېگۈزۈشنى، كىيمىگەننى كىيگۈزۈشنى، ئۇلار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى تەييارلاپ بېرىشنى، ئادەم ھۇزۇرلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇلارنىمۇ ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ھەممە نەرسىنىڭ چېكى بولغىنىدەك، مېھىرنىڭمۇ چېكى بولۇشى كېرەك. ئەگەر بالىلارغا بولغان مېھىر چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلارغا ئەكس تەسىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، ئۆزىمىزنىڭ نورمال تۇرمۇشىمىزغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا بالىلارغا مېھىر يەتكۈزۈشتە تەربىيەنى ئاساس قىلىشىمىز، ئەقىلنى ھەمراھ قىلىشىمىز لازىم. ئەقىلدىن ئايرىلغان مېھىردىن ياخشى نەتىجە چىقىشى ناتايىن.
ئافرىقىدىكى مەلۇم نامرات كەنتتە ئاچارچىلىق بوپتۇ. بۇ ئاپەتتىن بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئويلىغان بىر ئانا ئۈچ نارىسىدىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، قېلىن ئورمانزارلىقتىن ئۆتۈپ باشقا كەنتتىكى تۇغقانلىرىنىڭكىگە پاناھلىنىشقا مېڭىپتۇ. ئەپسۇس ئۇلار ئورمانلىقتا ئېزىپ قاپتۇ. نەچچە كۈنلۈك ئازغۇنلۇقتا ئوزۇق-تۈلۈكىمۇ تۈگەپتۇ. ئاچلىق ئۇلارنى تازا قىينىغىلى تۇرغاندا، شېرىن مېۋىلىك بىر تۈپ دەرەخنى ئۇچرىتىپتۇ. ئانا ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ ئۆزى يېمەي بالىلىرىغا يېگۈزۈپتۇ، ئەمما ئۆزى ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ. تەجرىبىسىز بالىلار ھېلىقى دەرەخنىڭ مېۋىسىگە تايىنىپ يەنە نەچچە كۈن ياشاپتۇ. مېۋە تۈگىگەندىن كېيىن ئىككى بالا ئېچىرقاپ قازا قېلىپ بىرسىلا ھايات قاپتۇ.
بۇ ھېكايە تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇ ئانىنىڭ مېھرىبانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر: ‹‹ بۇ ئانا شۇ ۋاقىتتا بالىلىرىغا ئانىلىق مېھرىنى بېرىشنى بىلىپ، ئەقلىنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەن. ئەگەر ئۇ مېۋىنى بالىلىرى بىلەن تەڭ يەپ، بالىلىرىنى يېتەكلەپ يەنە مېۋىلىك دەرەخ ئىزدىگەن بولسا، بەلكىم ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ھەتتا تۆتىنچى مېۋىلىك دەرەخنى تېپىپ، ئۆزىنىمۇ، بالىلىرىنىمۇ قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن ئىدى ›› دېيىشىپتۇ. 
بۇنىڭدىن ئانا مېھرىگە ئەقىلنىڭ ھەمراھ بولۇشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى چۈشىنەلەيمىز. شۇڭا بالىلارغا مېھىر يەتكۈزۈشتە ھېسسىياتنى ئەمەس، ئەقىلنى ئاساس قىلىشىمىز لازىم. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر مەملىكىتىمىزدە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ۋە ئىرسىيەت ئامىلىدىن باشقا، ئاساسلىقى ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنىڭ كەملىكىدىن ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، ئىلمىيلىككە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئائىت نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئىگىلىشىمىز، ئۇلارنى تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىمىزدىكى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئائىت بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز. بۇ ئارقىلىق بالىلىرىمىزنى نېمىنى يېگۈسى كەلسە شۇنى يېيىشنى ئەمەس، بەلكى نېمە پايدىلىق بولسا شۇنى يېيىشكە ئادەتلەندۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، زىيادە سېمىزلىكتىن پەيدا بولىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى