ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى خىزمەت ھەققىدە

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى خىزمەت ھەققىدە

ۋاقتى: 2015-03-08 ئاۋاتلىقى: 600 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، بەدەندە بىر تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بالىياتقۇ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ، مېتابولىزم كۈچىيىدۇ، ئۆپكە ۋە يۈرەكنىڭ يۈكىمۇ ئېغىرلايدۇ، ئورگانىزمىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىمۇ ئاشىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىدار ئانا ئۆز بەدىنىدىكى مېتابولىزم ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئۈزلۈكسىز ھامىلىگە ۋاكالىتەن ھامىلىنىڭ كېرەكسىز مەھسۇلاتلىرىنىمۇ چىقىرىپ تاشلايدۇ، شۇڭا بۆرەكنىڭ يۈكىمۇ ئېغىرلايدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەردە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ھامىلىدارلىق ئىنكاسى بولىدۇ.

 ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى دەۋرىگە كەلگەندە، بالىياتقۇ چوڭىيىدۇ، دوۋساق بېسىمغا ئۇچرايدۇ، يەنە دائىم سۈيدۈك قىستاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلىدار ئانا خىزمەت قىلغاندا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئەڭ ياخشىسى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانماسلىق، ھەتتا پۈتۈن بەدەن سىلكىنىدىغان ۋە قىسمەن ئورۇن سىلكىنىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق
2. يېقىلىپ كېتىش خەتىرى بولغان، يەر يۈزىدىن ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىشلارنى قىلماسلىق.
3. بەلنى كۆپ ئېگىدىغان، ئېگىز كۆتۈرىدىغان ياكى زۇڭزىيىدىغان ئىشلارغا قاتناشماسلىق؛
4. ھامىلىدار ئانىلار ئەمگەك قىلغاندا بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېغىرلىقى يىگىرمە بەش كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن ئېغىر نەرسىنى يۆتكىمەسلىك كېرەك؛



5. زىيانلىق خىمىيەلىك تەركىبى بار ئىشلارغا قاتناشماسلىق. ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قوغۇشۇن، بېنزول، مېتىل بېنزول، كىسلول، كاپرولاكتام، سىماب ۋە سىمابنىڭ بىرىكمە ماددىلىرى، ئارسېن، سىيانىدلار، ئازوتنىڭ ئوكسىدلىرى، كاربون چالا ئوكسىد، خىلور گازى، كاربون دىسۇلفىد، سىتىرېن، فېنلامىن ۋە فورمالدېھىد قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ ماددىلار ئاسانلا ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتىگە گىرىپتار قىلىپ، تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىقى، قان بېسىم يۇقىرىلاش، سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆرۈلۈش، ئېغىر بولغاندا باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، كۆكرىكى سىقىلىش ھەتتا تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ شۇنداقلا ھامىلىدار ئانىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھامىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق سانائەت زەھەرلىك ماددىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بويىدىن ئاجراش ۋە بالدۇر تۇغۇشنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
خەتەرلىك سانائەت ئامىللىرى ھامىلە ۋە تۆرەلمىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ ئۈچ ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىت تۆرەلمىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى پەيدا بولىدىغان ۋاقىت، بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمىگە زەھەرلىك تەسىرى بولغان زىيانلىق كەسپى ئامىللار بىلەن ئۇچراشقاندا، مەسىلەن يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى قوغۇشۇن، مېتىل سىماب، رادىيوئاكتىپلىق نۇر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ھامىلىدە تۇغما كەمتۈكلۈك يۈز بېرىدۇ. راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بالا ھەمراھىدىن ئۆتۈپ، راك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.
بۇنىڭدىن باشقا ئەگەر سىز تېببىي خادىم بولسىڭىز كېسەللىك باكتېرىيەسىنى بىللە ئېلىپ قايتىش ۋە كۆپ مىقداردىكى نۇر ھالقىسىنىڭ ھامىلە ساغلاملىقىنى خەتەرگە ئۇچرىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رايونى ۋە رادىيوئاكتىپلىق نۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلماڭ.
كىشىلەر كۆپ ئاممىۋى سورۇندا خىزمەت قىلىدىغان ھامىلىدار ئانىلار دائىم قول يۇيۇپ، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىشى، ئەگەر يۇقۇملۇق زۇكام ئەۋج ئالغان مەزگىل بولسا، خىزمەت رايونىنى ياكى دەم ئېلىشنى تەڭشىشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى