ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدارلار ئۆز مەيلىچە ئورۇقلىسا بولمايدۇ

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدارلار ئۆز مەيلىچە ئورۇقلىسا بولمايدۇ

ۋاقتى: 2015-11-21 ئاۋاتلىقى: 754 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، بارلىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ گۈزەل بەدىنى ئورنىغا كېلەڭسىز، كالانپاي بەدەن ئالمىشىدۇ. بۇ بىر قىسىم گۈزەللىكنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان ياشلار ئۈچۈن بىر باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭمۇ ئېشىشى ناھايىتى نورمال بولۇپ ئادەتتە سېمىزلىككە تەۋە بولمايدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن پەرقى چوڭ. ھامىلە، بالا ھەمراھى، باش سۈيى، بالىياتقۇ، كۆكسى ھەمدە ئانىنىڭ قان مىقدارى قاتارلىقلار كۆپەيگەندىن سىرت يەنە ئانىنىڭ تېنىدىكى ماي زاپاس مىقدارىدىمۇ كۆپىيىش بولىدۇ. بۇ زاپاس ساقلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئۈچۈن تەييارلىق، بۇنداق ماينى ھەرگىز ئازلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرىچە 10~12 كىلوگرامغىچە ئاشىدۇ، لېكىن ئەگەر سىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ئېشىشى بۇ سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتسە، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھەر ھەپتىلىك ئېشىش سانى يېرىم كىلوگرامدىن ئېشىپ  كەتكەن ۋاقىتتا، ھامىلىدار ئايالدا روشەن سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلمىسىمۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈش كېرەك، لېكىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ھامىلە ئانا تېنىدە تۇرغاندا ئوزۇقلۇققا بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ھالبۇكى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئورۇقلاش ئۇسۇلى ئوزۇقلۇقنى يوقىتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ دورا ئارقىلىق ئورۇقلاش.



دورا ئارقىلىق ئورۇقلاش، بىر تەرەپتىن چوڭ مېڭە ئوزۇقلىنىش مەركىزىگە نىسبەتەن بەلگىلىك چەكلەش رولى بار، يەنە بىر تەرەپتىن، بىرقىسىم ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش دورىلىرى ئارقىلىق بەدەندىكى ئارتۇقچە سۇ ۋە ماينى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئوزۇقلىنىش مەركىزى زىيادە تورمۇزلىنىپ قالسا ناھايىتى ئاسانلا ئىشتىھاسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ-دە، ھامىلىدار ئايالنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھامىلە ئوزۇقلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئادەتتىكى ئورۇقلىتىش دورىلىرى ھامىلىدار ئاياللارغا قاراتمىلىق ھالدا ياسالمىغان، ھامىلىگە تەسىرى بار-يوقلۇقى ئويلىشىلمىغان. ناۋادا ھامىلىگە ئەكس تەسىرى بار بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قىلىش، غەيرىي ھامىلە ياكى تۇغما كېسەللىكى بار ھامىلە قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار زىيادە سەمىرىپ كەتسە مۇۋاپىق دەرىجىدە تاماقنى كونترول قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇھىمى ھەرىكەت قىلىش. بۇرۇن بەزىلەر دەپ كەلگەن ھامىلىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلماسلىقى خاتا قاراش، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە تۇغقان ۋاقىتتىكى ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللىتىشكىمۇ ياردىمى بار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى