ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 5- ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 5- ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 657 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. تۆرەلمىنى ئاسراپ رادىئاتسىيەدىن يىراق تۇرۇش
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 2 ئېيىدا، ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدىكى بوۋاقنى ھامىلە دېگەندىن كۆرە تۆرەلمە ياكى تۆرەلمە بىخى دېگەن تۈزۈك. تۆرەلمە دېگىنىمىز ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ بۆلۈنۈپ يېتىلىش مەزگىلىدۇر، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ئامىللار تۆرەلمىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن، نۇرغۇن بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىشى دەل مۇشۇ تۆرەلمە مەزگىلىدە كۆرۈلگەن بەزىبىر خاتالىقلاردىن بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 4-، 5-ھەپتىسى ئارىلىقىدا، يۈرەك ۋە قان تومۇر سىستېمىسى ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدىغان ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار ئاياللار رادىئاتسىيە مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇشى، X نۇرى ۋە باشقا نۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.



2. سېزىكلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ
نۇرغۇن ئانا بولغۇچىلار مۇشۇ ھەپتىسىدىن باشلاپ كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق بىئاراملىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئىشتىھاسى ناچارلاپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ. hCG مىقدارىنىڭ يۇقىرىلىشى بىر سەۋەب بولسا، يەنە بىر سەۋەب بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، تۆرەلمە ھالەتتىكى بوۋاقنىڭ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ دۇنياغا تۆرەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ئاياللاردا بېشى قېيىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇسى كېلىش، جىددىيلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 12-، 14-ھەپتىلىرىگىچە داۋاملىشىپ بارا-بارا يوقاپ كېتىدۇ، بەزى ئاياللاردا پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داۋاملىشىدۇ.
3. يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاپ بوۋاقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش
ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدىن باشلاپ، ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ۋە مېتابولىزىم سىسىتېمىسى بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن، بۇ مەزگىلدە يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى يېتىشمىسە، ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يېرىق بولۇش ياكى مېڭىسى يوق بولۇپ قېلىش قاتارلىق غەيرىي تۆرەلمىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھامىلىدار ئايالنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە توسالغۇ شەكىللىنىپ، زور گۆدەك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق (巨幼红细胞贫血)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى