ھامىلىدارلىقنىڭ 9-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ ئومۇمىي بەدەن ئەھۋالى
ۋاقتى: 2015-06-29
ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ توققۇز ھەپتە بولغۇچە ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى ئەسلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە يوغىنايدۇ، تەخمىنەن چويلا توپنىڭ چوڭلۇقىچىلىك بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ بارغانچە يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلىدار ئايال ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. گەرچە ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، كۆكسى كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ، ئەمچەك توپچىسى ۋە ئەمچەك دېغىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ. بەل ئايلانمىسى چوڭىيىدۇ. ھامىلىدار ئايالنىڭ دائىم پۇتىنىڭ چىڭقىلىپ، بېلى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ.