ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك ھەققىدە خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك ھەققىدە خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 833 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىن باشلاپ، بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى ئۈچۈن ئانا بولغۇچى تەركىبىدە DHA(脑黄金) مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ياكى دورىلار ئارقىلىق DHA تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. DHA ئادەتتە پەقەت بېلىقلار ۋە ئاز قىسىم قۇلۇلىلەر تەركىبىدىلا بولىدۇ. دېڭىز بېلىقلىرىنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق DHAنى تولۇقلاش كېرەك. α-لىنولىن كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدە DHA گە ئايلىنالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار تەركىبىدە α-لىنولىن كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، مەسىلەن، زاراڭزا مېيى، گازىر مېيى، دادۇر مېيى، كۆممىقوناق مېيى، كۈنجۈت مېيى، چاي ئۇرۇقى مېيى، گازىر، ياڭاق مېغىزى، قارىغاي ئۇرۇقى مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى قاتارلىق يېمەكلىكلەر. ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولسا DHA مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشتۇر. 


ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسى نېمە يېسە ئەڭ ياخشى: ھامىلىدار ئانىلارنىڭ كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشى مۇۋاپىق ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. گۆش مەھسۇلاتلىرى بەدەننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى