ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك ھەققىدە خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىن باشلاپ، بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى ئۈچۈن ئانا بولغۇچى تەركىبىدە DHA(脑黄金) مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ياكى دورىلار ئارقىلىق DHA تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. DHA ئادەتتە پەقەت بېلىقلار ۋە ئاز قىسىم قۇلۇلىلەر تەركىبىدىلا بولىدۇ. دېڭىز بېلىقلىرىنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق DHAنى تولۇقلاش كېرەك. α-لىنولىن كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدە DHA گە ئايلىنالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار تەركىبىدە α-لىنولىن كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، مەسىلەن، زاراڭزا مېيى، گازىر مېيى، دادۇر مېيى، كۆممىقوناق مېيى، كۈنجۈت مېيى، چاي ئۇرۇقى مېيى، گازىر، ياڭاق مېغىزى، قارىغاي ئۇرۇقى مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى قاتارلىق يېمەكلىكلەر. ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولسا DHA مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشتۇر.