ھامىلىدارلىقنىڭ 33-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بۇ مەزگىلدە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇنىڭ ئىچىدە بىر كۈن بولسىمۇ ئارتۇق تۇرۇشى ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، شۇنىڭ بىرگە بەدىنىگە كۆپرەك ماي توپلىۋالىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى سىرتقى دۇنياغا ماسلىشىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار چوقۇم كۆپرەك ئارام ئېلىپ بېرىشى، ھەددىن زىيادە چارچاپ كەتمەسلىكى، ئۆيدە ھەرىكەت قىلغاندا يىقىلىپ كېتىشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى، ئاسان تېيىلىپ كەتمەيدىغان ئاياغ كىيىشى، قار-يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئەڭ ياخشىسى سىرتقا چىقماسلىقى لازىم.
ھامىلە پەردىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن يېرىلىپ كېتىشىدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك
بالىياتقۇنىڭ قانۇنىيەتلىك قىسىلىشىدىن بۇرۇن ھامىلە پەردىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىپ باش سۈيىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھامىلە پەردىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن يېرىلىپ كېتىشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا كۆرۈلىدۇ. ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار تۇيۇقسىز جىنسىي يولىدىن سۈيدۈكسىمان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىپ چىققانلىقىنى بايقايدۇ، بۇخىل ئەھۋال بەزىدە ھامىلىنىڭ كىندىكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى‹ئاساسلىقى ھامىلىنىڭ تەتۈر كېلىپ قېلىشى ۋە ھامىلە بېشىنىڭ داس بوشلۇقىغا كىرمەي قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردا كۆرۈلىدۇ›، بالىياتقۇ بوشلۇقى ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇخىل ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش لازىم، ھامىلە پەردىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن يېرىلىپ كېتىشىنىڭ خەتىرى بىرقەدەر چوڭ.
ئېمىتىشكە تەييارلىق قىلىش
ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۆكسىدىن دەسلەپكى ئوغۇز سۈتى چىقىشقا باشلايدۇ، ئەگەر سىز بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى قارار قىلغان بولسىڭىز سىز ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئېمىتىش لىپتىكى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.