ھامىلىدارلىقنىڭ-37ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يانفوندا كۆرۈش
1. ھامىلىنىڭ داس بوشلۇقىغا كىرگەن-كىرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش
بۇ مەزگىلدە دوختۇر ھەر ھەپتىدە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈپ ھامىلىنىڭ داسقا كىرىپ بولغان-بولمىغانلىقىنى، قاچان كىرىدىغانلىقىنى، بالا ئورنىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكى شۇنداقلا مۇقىملاشقان ياكى مۇقىملاشمىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ئورنى نورمال بولمىسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ ئۆزى ئايلىنىپ باش ئالدى ھالىتىگە كېلىشى ناھايىتى تەس بولىدۇ، ئەگەر دوختۇر ئۇنى ئوڭلاشقا ئامالسىز بولسا، سىز ۋە بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىزگە قورساقنى يېرىپ تۇغۇشنى ئېيتىشى مۇمكىن.
2. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلاردا يوچۇق بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈش
شېرىن ھەم جاپالىق ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي بوۋاق بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە چوقۇم بەك تەقەززا بولغانسىز-ھە؟ بۇ ۋاقىتتا رەسمىيەتلەرنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ، نەرسىلەرنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكىگە قاراشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بولۇپمۇ تۇغۇلۇش ئىسپاتى دېگەندەك دوختۇرخانىدا يېتىش ئىسپاتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. پەقەت تەييارلىقلىرىڭىز تولۇق بولسىلا، بوۋاقنىڭ قاچان يېتىپ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، خاتىرجەم ھالدا دوختۇرخانىغا ماڭالايسىز.
3. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش
ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ھامىلە داس بوشلۇقىغا كىرىپ بىر تەرەپ ياكى ئىككىلا تەرەپتىكى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسىنى بېسىۋېلىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۇغۇت مەزگىلىدە ئانىنىڭ تېنىدە بىر خىل بوشاشتۇرغۇچى ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىپ، پەي سىڭىرلارنى بوشاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەل ئومۇرتقىسى پېيى بوشىشىپ، ئاسانلا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئۆسىۋېلىش، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئانىلار مۈرىسى ياكى قولى بىلەن ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگەندە، ئاسانلا ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئۆسىۋېلىپ ئولتۇرغۇچ نېرۋىسىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، كۆپرەك يېتىپ ئارام ئېلىش كېرەك، قاتتىق كارىۋاتتا ياتسا تېخىمۇ ياخشى. ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئالاھىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.
4. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئالامەتلەرنى بىلىش
گەرچە ئانا بولغۇچى تۇغۇت ۋاقتىنى مۆلچەرى بىلسىمۇ، لېكىن ھەممە بوۋاقلارنىڭ دەل ۋاقتىدا تۇغۇلۇشى ناتايىن. ئانا بولغۇچى شۇ ۋاقىتتا پايپېتەك بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئالامەتلەرنى بىلىشى زۆرۈر. ئومۇمەن، تۇغۇتقا ئاز قالغاندا بالىياتقۇ مۇقىم دەۋر بويىچە قىسقىرايدۇ. قىسقارغاندا قورساق قىسىمى قاتتىق بولىدۇ، توختىغاندا بالىياتقۇ بوشاپ، قورساق يۇمشاشقا باشلايدۇ.