ھامىلىدارلىقنىڭ 23-ھەپتىسىدىكى دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيتى
ۋاقتى: 2016-07-02
ئاۋاتلىقى: 876 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە 23 ھەپتىلىك بولغاندا، ئاتا بولغۇچىلار ئايالىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشى، ئەگەر ئايالىنىڭ پۇتى ئىششىپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئاياغ ئېلىپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايالىغا ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن لىپتىك ئېلىپ بېرىشمۇ ناھايىتى زۆرۈر.
ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا بولغۇچىلار ئايالىغا كۆپرەك تەسەللىي بېرىشى، ئايالىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سېزىك، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى، يۈزىگە داغ چۈشۈپ قېلىشى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن قورساقتىكى بالىدىن ئاغرىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانىلىق مېھرى تەسۋىرلەنگەن كىنو فىلىملەرنى، گېزىت ژۇرناللارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئايالىنى ھامىلىگە تېخىمۇ كۆيۈنۈشكە يېتەكلىشى لازىم. ئايالى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، كەلگۈسىدىكى ئوماق، شوخ ھالىتىنى بىرلىكتە تەسەۋۋۇر قىلىش ئايالىنىڭ ئانىلىق مېھرىنى قوزغىتىشى ناھايىتى مۇھىم.