ھامىلىدارلىقنىڭ 24-ھەپتىسىدىكى ئايالنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2015-12-20
ئاۋاتلىقى: 728 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە 24-ھەپتىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھامىلىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ شۇڭلاشقا ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى ئاشۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ۋىتامىن، تۆمۈر قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى، گۈرۈچ تامىقى بىلەن قارا ئاشلىقنى ئاساسى ئوزۇقلۇق قىلىشى، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇشى، گۆشلۈك تاماق بىلەن گۆشسىز تاماقلارنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى لازىم.
بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئاياللاردا ئاسانلا قەۋزىيەت ۋە مەيدە ئېچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇڭلاشقا كەرەپشە، يېسسىۋېلەك ، يىرىك ئاشلىق قاتارلىق تالا مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى لازىم. مەيدە ئېچىشىش بولسا ئاساسلىقى قەنتنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، يېسىۋېلەكنىڭ تەركىبىدە قەنتىنى پارچىلايدىغان كۆپ خىل ئېنزىم بولۇپ بىئارام بولۇش ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللار ئورۇق گۆش، جىگەر، بېلىق، راك، سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يېشىل كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى لازىم.