ھامىلىدار ئاياللار كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟(1)
يانفوندا كۆرۈش
ھەر ھەپتىلىك كومپيۇتېر مەشغۇلات ۋاقىتى 20 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان داس بوشلىقىغا قان يىغىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئولتۇرۇش شەكلى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ ئېگىز-پەسلىكى بىلەن ماس كېلىش كېرەك.
ئارام ئېلىش بىلەن ئىش قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش، پەينىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر مەشغۇلات قىلغاندا قول بوغۇملىرىنىڭ، بېغىش، بىلەك مۇسكۇللىرى، ئوقرەك، بويۇن، دۈمبە قاتارلىق ئورۇنلاردا سىرقىراپ ئاغرىشتىن ساقلىنىش. شۇڭلاشقا، ھامىلىدار ئاياللار ھەر سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن 10 مىنۇت ئارام ئېلىش ياكى خىزمەت گىمناستىكىسى ئويناش.
كۆز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئېكران بىلەن كۆزنىڭ ئارىلىقىنى يېرىم مېتىر ئەتراپىدا ساقلاش، ئەڭ ياخشىسى 20 گرادۇسلۇق كۆرۈش بۇلۇڭىنى ساقلاش. خىزمەت ۋاقىتىدا قول ۋە يۈز قىسمىغا رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش مېيى سۈرتۈۋېلىش كېرەك.
ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغان ھامىلىدار ئايال، چوقۇم كۆپرەك يېڭى كۆكتاتلارنى يېيىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋىتامىن A،B، C، E قاتارلىقلارنىڭ سۈمۈرۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇش.
مۈڭگۈز پەردە قورغاقلىشىش، كۆز قورغاقلىشىش، ھەتتا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلغان ھامىلىدار ئاياللار ۋىتامىن A مىقدارى كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن: پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، بېلىق، سۈت، ياڭاق، كەرەپشە، كۈزلۈك يېسىۋىلەك، پەمىدۇر ۋە يېڭى مېۋىلەر. ۋىتامىنCئۈنۈملۈك ھالدا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى چەكلەيدۇ، ۋىتامىن E نىڭ ئاساسلىق رولى بولسا: خولېستېرىننى ئازايتىپ، بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ، كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ۋىتامىن E بولسا ياڭاق ۋە خۇاسىڭنىڭ تەركىبىدە بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، ۋىتامىن 1 Bنېرۋا ھۈجەيلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، نېرۋىنىڭ جىددىي ھالىتىنى پەسەيتىدۇ.