ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(6)
يانفوندا كۆرۈش
(4) قالدۇق يىلتىز ۋە قالدۇق تاجا (چىشنىڭ)
ئەگەر ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن قالدۇق يىلتىز ۋە قالدۇق تاجا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ھامىلىدارلار ئاياللاردا ئاسانلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ياللۇغ سەۋەبىدىن چىش مىلىكىنىڭ ئىششىپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا چىش تاجىسى، چىش يىلتىزى ياكى يىلتىز نەيچىسىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارغان بولسا، ھەمدە روشەن يىلتىز ئۇچى كېسىلى بار بولسا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قوزغىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋاقتىدا داۋالىتىش ياكى يۇلۇۋېتىش ياكى بولمىسا تۈزەشتۈرۈش كېرەك.
چىشنى ساغلام ساقلاش ئۈچۈن ئادەتتە چىش تازىلىقى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاش. توغرا بولغان ئۇسۇل بىلەن، يەنى ئۈستى-ئاستى، سول-ئوڭ رايون بويىچە چىش چوتكىلاش كېرەك. ئۈستۈندىكى چىشلار ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاستىدىكى چىشلار ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتا چىشنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى تولۇق چوتكىلاش كېرەك.
تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقايدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، چىشتىكى باكتېرىيە ۋە يۇمشاق داشقاللارنى چىقىرىۋەتكەندە، چىشقا نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە ئۇۋۇلاش رولى بولۇپ، چىشنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.