قىشتا كۈتۈنۈشتە پايدىلىق يېمەكلىكلەر...
ۋاقتى: 2015-11-11
ئاۋاتلىقى: 575 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قىشتا تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن:
يېسسىۋېلەك نەملىك يەتكۈزىدۇ. قېلىن قار ياغقاندا ھاۋا ئىنتايىن قۇرغاق بولىدۇ. يېسسىۋېلەك تەركىبىدە ۋېتامىنC ، ۋېتامىن E بار بولۇپ، قۇرغاقتىن ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
تۇرۇپ كۆكى كالتسىي تولۇقلايدۇ. قىشتا قۇياش نۇرى ئاجىز بولۇپ، كۈندۈزلۈك ۋاقىت قىسقا بولغاچقا، ۋېتامىن D نىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ-دە، بەدەندە ئاسانلا كالتسىي كەملىك كۆرۈلىدۇ. تۇرۇپ كۆكىنىڭ تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى يۇقىرى.
سۇڭپىياز. سۇڭپىيازنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن C مول بولۇپ، قان ئايلىنىشقا پايدىلىق. سوغۇق كۈندە سۇڭپىيازنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.