ھامىلىدارلارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ئاياللار ھامىلىدارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن، ۋاقتىدا داۋالىتىشى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ھامىلىدارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكى يېنىك ئەھۋالدا ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشقا بولىدۇ، سۇلۇق ئىششىق، بەدەن ئېغىرلىقى، قان بېسىمى، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى قاتارلىقلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي كۆزىتىش كېرەك، زۆرۈر بولغاندا كۆز تەكتىنى تەكشۈرۈش، كۆز تەكتىدىكى كىچىك ئارتېرىيە تومۇرلارنىڭ تارتىشىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھامىلىدارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلىشكە ئاسان بولىدۇ. بىماردا يېنىك سۇلۇق ئىششىق بولسا، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان دورا بېرىش، ھەر قېتىمدا 双氢克尿塞 دىن 25g ، ھەركۈندە 2 قېتىم، بىرلا ۋاقىتتا يەنە كالىي خىلورىدتىن 1g ، كۈندە 3 قېتىم. قان بېسىمى سەل يۇقىرى بولغانلار، ھەركۈنى 利血平 دىن 0.25g، كۈندە 3 قېتىم.
ئوتتۇرھال تىپتىكى ھامىلىدارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمار يېتىپ ئارام ئېلىشى لازىم، تۇز مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىك ئىستىمال قىلىشى، داۋاملىق سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورىلارنى تەڭ ئىستىمال قىلىشى كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلار، سپازمىنى بوشىتىپ تىنچلاندۇرىدىغان ئوكۇلنى ئۇرغۇزسا بولىدۇ، مەسىلەن خلورو پرومازىن) (氯丙嗪، (杜冷丁)،ماگنىي سۇلفات(硫酸镁)، ھەر 8~6 سائەتتە بىر قېتىم ئۇرسا بولىدۇ. بۇ دورىلارنى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئىشلىتىش لازىم، ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىپ كۈتۈلمىگەن ھادىسە سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئېغىر تىپتىكى ھامىلىدارنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمار قەتئىي يېتىپ ئارام ئېلىشى لازىم، دوختۇر سېسترالارنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا، كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن داۋالاش ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئانا بالىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.