ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2015-03-26 ئاۋاتلىقى: 708 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدا سېزىكلىك ئالامەتلىرى ئاساسەن يوقىلىپ كەيپىيات تۇراقلىشىدۇ. بۇ چاغدا بالا ھەمرىيى يېتلىپ بولغان بولسىمۇ، ئانا بولغۇچىلار يەنىلا ئېھتىيات قىلىشى، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى لازىم:

1.ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدا بالا ھەمرىيى يېتىلىپ بولىدۇ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئاقسىل، التسىي، تۆمۈر، ۋىتامېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش، تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش، تاماق تاللىماسلىق كېرەك؛
2. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇقى چوقۇم تەڭپۇڭ بولۇشى،مۇۋاپىق تويۇنۇش، يېنىك تاماقلارنى ئاساس قىلىش، تاماق قېتىم سانى كۆپ، مىقدارى ئاز بولۇش، تاتلىق تۈرۈم، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ، مايلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم؛
3.چىلىغان كۆكتات، تۇزلانغان گۆش، قېزا دېگەندەك زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەردىن، مۇچ، قەھۋە، قېرىق چاي قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، كراخمال تەركىبى زىيادە يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك؛
4.بۇ مەزگىلدە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قان ئازلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا تۆمۈر تولۇقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
5.بۇچاغدا بەدەن كۆپ تەرلەپ، ئاجرالمىلار كۆپەيگەنلىكتىن مىكروب بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى چوڭىيىدۇ، شۇڭا پات پات يۇيۇنۇپ، ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇش لازىم؛
6. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يېتەرلىك ئارام ۋە ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئائىلە ئىشلىرى ۋە چېنىقىش بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك
7.ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيمەسلىك، كىيىملەر ئازادە، راھەت بولۇش، ئەڭ ياخشىسى پاختا رەختتىن تىكىلگەن ھامىلىدارلار كىيىمى كىيىش، چاچنى تاراشقا قولايلىق قىلىپ ياسىتىش، بويىماسلىق، بۈدۈر قىلماسلىق لازىم
8. ئەمچەكنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش، باغىرداق كەڭ، يۇمشاق بولۇش، ئەگەر ئەمچەك توپچىسىدا ئولتۇرۇشۇش كۆرۈلسا، ھەركۈنى مۇۋاپىق دەرىجىدە چىمدىپ، تۇغۇتتىن كېيىن ئېمىتىشكەتەييارلىق كۆرۈش كېرەك؛
9. كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش، خۇشال يۈرۈش، ھامىلدارلىق جەريانىدىكى بىئارامچىلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، زىيادە ئېغىر بولمىسىلا جىددىيلەشمەستىن بەرداشلىق بېرىش لازىم، قالايمىقان دورا يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
     
خۇلاسە: يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئانا بولغۇچىلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئەقىللىق، ئوماق پەرزەنتلىك بولۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى