ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىككىنچى ھامىلە تەربىيىسىدە كىتاب ئوقۇشنى يولغا قويۇش ۋاقتى

ئىككىنچى ھامىلە تەربىيىسىدە كىتاب ئوقۇشنى يولغا قويۇش ۋاقتى

ۋاقتى: 2015-10-26 ئاۋاتلىقى: 673 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىككىنچى  ھامىلە تەربىيىسىدە كىتاب ئوقۇشنى يولغا قويۇش ۋاقتى

 بىر ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭلاشقا، كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، پىلانلىق، باسقۇچقا بۆلۈپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن قىلىش كېرەك، تېز ئوقۇشقا تىرىشماستىن، ئۈنۈم ھاسىل قىلغاندىلا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئادەتتە بىر مۇقىم ۋاقىت بولسا ھامىلە تەربىيەسىگە تېخىمۇ پايدىلىق، بۇنى ھامىلدار ئايال ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا قاراپ بېكىتسە بولىدۇ.

1. سەھەر سائەت 10~9 بولغان ۋاقىتتا:

ناشتىلىقنى يەپ بولۇپ ئائىلىدىكىلەر خىزمەتكە ماڭغاندىن كېيىن، بالكونغا يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق ئېلىپ چىقىپ، بىمالال ھالدا كۈن نۇرىغا قاقلانغاچ، ھامىلىگە  كىتاب ئوقۇپ بېرىش.....بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئاساسلىقى ئەتىياز كۈز پەسىللىرىگە ماس كېلىدۇ، كۆپ قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇراقلاشقان سىرتقا چىقىشى ئەپسىز بولغان ھامىلدارلار، ئاۋازلىق ئەسەر قويۇپ ئاڭلىسىمۇ بولىدۇ، خۇلۇم ـ خوشنىلار  خىزمەتكە كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاۋازىنى ئۈنلۈك تەڭشىسە باشقىلارغا دەخلىسى بولمايدۇ

2. چۈشتىن كېيىن سائەت 17~15 بولغان ۋاقىتتا:

چۈشلۈك ئۇيقىدىن كېيىن، يېنىك يېپىنچا ئارتىپ، ھويلىدىكى ئۈزۈمزارلىق ئاستىدا قۇشلارنىڭ نەغمە ـ ناۋاسىدىن ھوزۇر ئالغاچ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇپ بوۋىقى بىلەن تەڭ  كەچكى شەپەقنىڭ نۇرىدىن بەھرلىنىش..... بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئاساسلىقى ياز پەسلىگە ماس كېلىدۇ، ناۋادا ھاۋا سەل ئىسسىق، سىرتقا چىقىش بىئەپ بولسا، ھاۋاتەڭشىگۈچ بار ئۆيدە گۈل چېيىدىن ۋە پۇرىقىدىن ھوزۇر ئالغاچ كىتاب ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت كەچلىك غىزاغا تەمشىلگەچ ئوقۇسىمۇ ئۇنۇمى ئالاھىدە بولىدۇ.

3. 3. كەچ سائەت 21~19 بولغان ۋاقتىتتا:

ئارتۇقچە يېپىنچىنى سېلىۋىتىپ، ئىسسىق يوتقاننىڭ ئىچىدە يېتىپ، يولدىشىڭىز بىلەن بىرلىكتە مۇڭلۇق ئاۋازلىق ئەسەردىن ھۇزۇرلانغاچ، قورساقتىكى ھامىلىنىڭ قوزغىلىش ھالىتىنى ھېس قىلىش..... بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئاساسلىقى قىش پەسلى ئەر ـ ئايالنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشىغا ماس كېلىدۇ، مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق سۆزلەنگەن كىتاب، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق، بۇنداق شېرىن كىتاب ئوقۇشنى ئانىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ ئالدىن مەشقى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى