تۆت ئايلىق ھامىلىنىڭ كۆرسەتمىلىك رەسىمى ۋە يېتىلىش ئەھۋالى بىلىملىرى
ۋاقتى: 2016-03-30
ئاۋاتلىقى: 670 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۆت ئايلىق ھامىلىنىڭ كۆرسەتمىلىك رەسىمى ۋە يېتىلىش ئەھۋالى بىلىملىرى
تۆت ئايلىق ھامىلە (رەسىم):
يېتىلىش ئەھۋالى:
1.بەش ئەزا–چىرايى ئادەم شەكلىگە كىرىپ، چىراي ئالاھىدىلىكلىرى روشەنلىشىدۇ. چىش شەكىللەنگەن بولىدۇ، تېرىسى ئىنتايىن نېپىز بولۇپ، قاش چىقىشقا باشلايدۇ، چېچىنىڭ ئۆسۈشىمۇ تېز بولىدۇ؛
2.تۆت مۆچە--- پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، تىرناقلىرى تولۇق شەكىللىنىدۇ، بارماق بوغۇملىرى ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ؛
3.ئەزالار--- ئاجرىتىش، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ۋە چىقىرىش فونكىسىيىسىگە ئىگە مۇھىم ئەزالار شەكىللىنىپ بولىدۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئۆت، قالقانبەزلەرمۇ شەكىللىنىپ بولىدۇ، بۆرەك سۈيدۈك ئاجرىتىشقا باشلايدۇ؛
4.ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى---ھامىلە گەرچە ئىنتايىن ئاجىز بولسىمۇ، ئانا بولغۇچى ئۇنىڭ تەۋرىنىشىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ ئىچىملىك ئىچكەندىن كېيىنكى ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. كېيىنكى تەۋرىنىش ۋاقتىنى خاتىرىلىۋېلىپ، دوختۇرخانىغا بارغاندا دوختۇرغا ئېيتىش كېرەك.
يۇقارقىلاردىن ئانا بولغۇچى ھەيرانلىق ۋە بەخت ھېس قىلىدۇ، يۈرەك پارىسى قورسىقىدا چوڭ بولۇۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.