ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتتىن بۇرۇن دىياگنوز قويۇشنىڭ قانداق ئۇسۇلى بار؟

تۇغۇتتىن بۇرۇن دىياگنوز قويۇشنىڭ قانداق ئۇسۇلى بار؟

ۋاقتى: 2016-03-15 ئاۋاتلىقى: 581 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىياگنوز قويۇشقا ماس كېلىدىغان كېسەللىكنى تاللاش پىرىنسىپى، بىرى خەتىرى يۇقىرى ھەم زىيىنى چوڭ بولغان ئىرسىي كېسەللىك؛ يەنە بىرى  نۆۋەتتە بار بولغان مۇشۇ كېسەلگە تەۋە بولغان كېسەللەرگە تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىياگنوز قويۇش ۋاسىتىسى.

 تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىياگنوز قويۇشنىڭ بىرنەچچە خىل ئاساسلىق ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
1، X نۇرى ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش ئاساسلىقى 18 ھەپتىدىن كېيىن ھامىلىنىڭ سۆڭىكىنىڭ تۇغما غەيرىلىكىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، بىراق X نۇرىنىڭ ھامىلىگە نىسبەتەن بەلگىلىك تەسىرى بار، ھازىر بۇ ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدۇ. 
2. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بولسا بىر تۈرلۈك قولايلىق، ئانىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى.  B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ئەڭ كەڭرى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى قوللىنىش ئارقىلىق تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىياگنوز قويۇش ۋە شاللاش خاراكتېرلىك دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.  بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ھامىلە يۈرىكى ۋە ھامىلىگە قارىتا بىۋاسىتە ھەرىكەتچان كۆزىتىش ئېلىپ بارغىلى، سىنئالغۇ لېنتىسىنى تەھلىل قىلغىلى، بالا ھەمراھىنىڭ ئورنىنى بەلگىلىگىلى، باش سۈيى پەردىسىنى تېشىش ئورنىنى تاللىغىلى،  تىۋىت ۋە كىندىك قېنىنى ئېلىپ تەجرىبىخانا تەكشۈرۈشى ئۈچۈن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. 



3. ھامىلە ئەينىكى يەنە باش سۈيى پەردىسى بوشلۇقى ئەينىكى ياكى بالىياتقۇ بوشلۇقى ئەينىكى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھامىلىنى بىۋاسىتە كۆزەتكىلى بولىدۇ، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 15~21 ھەپتىسىگىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدۇ.  ئاساسلىقى ھامىلە كىندىك قېنىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، تىرىك توقۇلما تەكشۈرۈش ۋە ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. تېرىدىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق سەككىز خىلدىن كۆپرەك ئىرسىي خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكىگە دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. 
4. باش سۈيى پەردىسىنى تېشىش ئوپېراتسىيەسى يەنە باش سۈيىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باش سۈيى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت بولسا 16~20 ھەپتىگىچە.  باش سۈيىدە ھامىلە تۆكۈلۈپ چۈشكەن ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، تەن سىرتىدا يېتىشتۈرگەندىن كېيىن، خىروموسوما تەھلىلى ئېلىپ بارغىلى ۋە DNA نى ئايرىپ ئېلىپ گېن تەھلىلى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. 
5. تىۋىتچە سۈمۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە تىۋىتچە بالىياتقۇ بوينى قىسمىدىن ئېلىنىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاستىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك. 
6. كىندىك تېشىش ئوپېراتسىيەسى ئانا تېنىدىن ھامىلە كىندىك ۋېناسىنىڭ قېنىنى ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك.  بەزى ئەھۋاللاردا گېن ئورنىدا تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ. 
7. ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەتراپ قېنىدىن ھامىلە ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ چىقىش بولسا بىر خىل زەخىمسىز بولغان تۇغۇتتىن بۇرۇنقى دىياگنوز قويۇش تېخنىكىسىدۇر. 
8. كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن دىياگنوز قويۇش بولسا مىكرو مەشغۇلات تېخنىكىسى ۋە DNA كېڭەيتىش تېخنىكىسى ئىشلىتىپ تۆرەلمە پۈۋەكچىسىنى كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  نۆۋەتتە، بۇخىل ئۇسۇلنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان ئۈلگىسى ساناقلىقلا بولۇپ، بۇنىڭ مەشغۇلات قىيىنچىلىقى چوڭ، بىراق ئىستىقبالى پارلاق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى