ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشتىكى خاتالىق

تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشتىكى خاتالىق

ۋاقتى: 2016-07-15 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەبىئىي تۇغۇش ۋە قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان تۇغۇش ئۇسۇلىدۇر. ئالدىنقىسى ئادەمنىڭ بىر خىل تۇغما قابىلىيىتى ياكى فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە. كېيىنكىسى بولسا، جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغالمىغان ياكى تۇغۇش مۇمكىن بولمىغان يۇقىرى خەۋپلىك ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇسۇلدۇر. 
ئەنگلىيە تۇغۇت دوختۇرى مايكېل ئاۋدېت: «قورساقنى يېرىپ تۇغۇشنى تاللىغان ئايال ۋە ئۇنىڭ بالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئانا-بالىلىق مۇھەببەت رىشتىسىدە مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.» دەپ كۆرسەتكەن.
 
ئانا-بالىلىق رىشتىسى

ئاۋدېت: «بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب، قورساقنى يېرىش ئانا تېنىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئانىنىڭ بالىغا كۆيۈنۈش مۇھەببىتىنى قوزغىتىدىغان ھېسسىيات ھورمونىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.» دەيدۇ.
كامبرىجدا ئېلىپ بېرىلغان بىر يىغىندا، ئاۋدېت ئاگاھلاندۇرۇپ: «قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ۋە دورا ئارقىلىق سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوكسىتوتسىن  (催产素) نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا كاشىلا قىلىدۇ.» دەيدۇ. بىر فىرانسىيە مۇتەخەسسىس: «تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھورمونى جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغاندا، بالا ئېمىتكەندە ۋە تۇغقاندا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. لېكىن ئەمدىلا تۇغقاندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئانا تېنىدىكى ئوكسىتوتسىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى شۇ ئانىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. بۇ يۇقىرى چەك قىممىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم رولى بار. چۈنكى، دەل مۇشۇ خىل ھورموننىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشى ئانا ۋە ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقى ئوتتۇرىسىدا ياخشى بولغان ئانا-بالا مۇھەببەت رىشتىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئانىغا تۇغۇتتىكى ئاغرىقنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغىنى، ئانا قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ئوپېراتسىيەسىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېنىدىن مېھرى-مۇھەببەت ھورمۇنى (亲情激素) ئاجرىلىپ چىقمايدۇ-دە، ئۇنىڭ بالا بىلەن بولغان ئانا-بالا مۇھەببەت رىشتىسى نورمال تۇغقان ئەھۋالغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ بالا بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان (بالىنى قۇچىقىغا ئالغان) ۋاقىتىمۇ تەبىئىي تۇغقاندەك ئۇنداق يېقىن بولمايدۇ.» دەيدۇ.
ھازىر كۆپلىگەن ئاياللار ئاتالمىش لايىھەلىك تۇغۇش، يەنى ئالدىن تاشقى ئوپېراتسىيەنى زاكاز قىلىپ قويۇپ تۇغۇشنى تاللايدۇ. ئەنگلىيە خەلق ساقلىقى مۇلازىمىتى (NHS) دوختۇرخانىسىدىكى %7 ئايال تېنىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، قورساقنى يېرىپ تۇغۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئاۋدېت: «ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت رىشتىسى مەسىلىسى قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئىپادىلىنىدۇ. تۇغماقچى بولغان ياكى جىددىي قورساقنى يېرىپ تۇغۇشنى قوبۇل قىلغۇچى ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئوكسىتوتسىننىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشى بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا "باشلانغان" بولىدۇ.» دەيدۇ. ئۇ يەنە: «ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش مۇھىم پەيتتە ئانا-بالا مۇھەببىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەلبىي تەسىر بېرىدۇ.» دەيدۇ.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئەنگلىيە خان جەمەتى تۇغۇت ئىنستىتۇتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر: «تۇغقاندا دورا ئىشلىتىش ئۇلاردا مەلۇم قانائەتلىنىش تۇيغۇسىنىڭ "كەملىكى" نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بالا ئەمدىلا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانا ئۆز بالىسى بىلەن مۇھەببەت رىشتىسىنى ناھايىتى تەسلىكتە شەكىللەندۈرىدۇ.» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. دۆلەتلىك تۇغۇت ۋاسىتىچىلىك فوند جەمئىيىتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى بىلىندا فىپوس (比林达•菲普斯): «بىز پەقەت قورساقنى يېرىپ تۇغۇشنى تاللىغان ئاياللار تېنىدىكى ئوكسىتوتسىننىڭ مىقدارىنىڭ ئازلىقىنى بىلىمىز. ئەمما ئۇنىڭ قانداق تەسىرى بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئاياللار بۇنىڭ ئۈچۈن زىيادە ئەنسىرەپ كېتىشى ھاجەتسىز، چۈنكى ئانا-بالا مۇھەببەت رىشتىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، ئەمما بىز يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ تەبىئىي تۇغۇش ئۇسۇلىنى تاللىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.» دەيدۇ.
تۆۋەندە، تۇغۇش ئۇسۇلىنى تاللاشتىكى بىر نەچچە خاتا قاراش ئۈستىدە توختىلىمىز.
بىرىنچى خاتالىق: قورساقنى يېرىپ تۇغۇش تەبىئىي تۇغۇشتىن بىخەتەر دەپ قاراش
تەبىئىي تۇغۇش بىر خىل تەبىئىي بولغان فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋال بولۇپ، ئانا ئۆزىنىڭ تۇغما ئىقتىدارى ئارقىلىق تاماملايدۇ. ھامىلىمۇ بۇنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسىدۇر. تۇغۇت يېقىنلاشقاندا، بالىياتقۇنىڭ تەرتىپلىك يىغىلىشى (قىسقىرىشى) ھامىلىنىڭ كۆكرەك قىسىمىنىڭ تەرتىپلىك يىغىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ خىل تەرتىپلىك ئۆزگىرىش ھامىلىنىڭ ئۆپكىسىدە تېز سۈرئەتتە بىر خىل ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى سىرتقى يۈزىدىكى ئاكتىپ ماددا دەپ ئاتىلىدىغان فوسفاتىدنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇڭا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ياخشى بولۇپ، ئاسان كېڭىيەلەيدىغانلىقتىن، تېزدىن ئۆزلۈكىدىن نەپەسلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇتتا، ھامىلە جىنسىي يولنىڭ سىقىشى بىلەن نەپەس يولىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە سۇنىڭ ھەممىسى سىقىپ چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. شۇڭا تۇغۇلغاندىن كېيىن «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق نەپەس قوبۇل قىلىش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى»، «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق سۇلۇق ئۆپكە بولۇپ قېلىش» قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇت جەريانىدا ھامىلە بېشىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى بىلەن، قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، مۇناسىپ ھالدا قان تولۇق بولۇپ، نەپەس مەركىزى نېرۋىسىنى جانلاندۇرۇپ، نورمال نەپەس رىتىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا ئېلان قىلىنىشىچە، جىنسىي يولدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسى جىنسىي يولنىڭ سىقىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بوۋاقنىڭ كېيىنكى ئەقلى كۈچىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن. ھامىلىدار ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەبىئىي (جىنسىي يولدىن) تۇغۇش مەست قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقتىن، ئەسلىگە كېلىش تېز بولۇپ، بالىنىڭ ھالىدىن بالدۇرراق ئۆزى خەۋەر ئېلىشقا پايدىلىق. «ئۈچ بالدۇر» غا يېتىشتىكى مەقسەت، بالدۇر بىرگە بولۇش (ئانا-بالىنىڭ بىرگە بولۇشى)، بالدۇر سۈت ئىمىش، بالدۇر سۈت بېرىشتىن ئىبارەت.
قورساقنى يېرىش بولسا ئانا-بالا بىرلەشمە كېسەللىكى ۋە تۇغۇت قىيىن بولغان ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەرگىزمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تۇغۇت ئۇسۇلى ئەمەس. بىرىنچى، بالىياتقۇنىڭ تەرتىپلىك يىغىلىشىنىڭ غىدىقلىشى بولمىغاچقا، ئۆپكە پۈۋەكچىسى سىرتقى يۈزىدىكى ئاكتىپ ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشى ئاز ھەم ئاستا بولغانلىقتىن، تەرتىپلىك ئۆزلۈكىدىن نەپەسلىنىش ئاستىلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ھەمدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئاسانلا ئۆپكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. گەرچە تېببىي تېخنىكىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يۇقۇملىنىشقا قارىشى تۇرۇش دورىلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن قورساقنى يېرىپ تۇغۇشنىڭ بىخەتەرلىكى ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما ئوپېراتسىيەنىڭ ئۆزى ئانا تېنىگە زەخمەت يەتكۈزۈپ، قان چىقىش، يۇقۇملىنىش كۆپ بولىدۇ. مەست قىلىنىشتىن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشى نىسبىتى يەنىلا مەۋجۇت. قورساقنى يېرىپ تۇغۇش تۇغۇت يولىنىڭ سىقىشىغا ئۇچرىمىغانلىقتىن، تۇغۇتتىن كېيىن سۇلۇق ئۆپكە ۋە نەپەس قوبۇل قىلىش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. شۇنداقلا قورساقنى يېرىپ تۇغقان ئاياللاردا ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر، مەسىلەن: بالىياتقۇ چاپلىشىپ قېلىش، كەم قانلىق، خاتا تۇغۇلۇش قاتارلىق بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشى تەبىئىي تۇغقان ئاياللاردىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئىككىنچى خاتالىق: تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى تۇغقۇچى ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەڭ ياخشى سالامەتلىك ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ئۇنداقتا، قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ئارقىلىق بۇ نىشانغا يەتكىلى بولامدۇ؟ تۇغۇلغان بوۋاق تېخىمۇ ئەقىللىك بولامدۇ؟ 
چۈنكى تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى بالىياتقۇدا تاماملىنىدىغان بولغاچقا، ئىرسىي گېن، تۆرەلمە، بالا ھەمرىيى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تۇغۇت ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقى بالىنىڭ ئەقىللىك بولۇشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس ھەم ئىلمىي ئەمەس. ئەكسىچە، قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ھامىلىنىڭ تۇغۇت يولىنىڭ سىقىشىغا ئۇچرىمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۈچىنچى خاتالىق: تەبىئىي تۇغۇش ۋاقتى ھەم ئۇزۇن ھەم ئاغرىيدۇ، قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ئارقىلىق ئاغرىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئوپېراتسىيە ۋاقتى قىسقا بولىدۇ دەپ قاراش
قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيەسى يۇقىرى خەۋپتە تۇرغان تۇغۇت ۋە بىنورمال تۇغۇتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرنىڭ بىرىدۇر. تاشقى بۆلۈم تېخنىكىسىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەكشۈرۈش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئوپېراتسىيە خەۋپى زور دەرىجىدە چۈشتى. قورساقنى يېرىپ تۇغۇشنىڭ تېز، ئاغرىتماسلىق، قورساقنى يېرىپ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. 
قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيەسى يۇقىرى خەۋپلىك تۇغۇت، تۇغۇت قىيىن بولۇش قاتارلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى بولغانلىقتىن، قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئانا-بالىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆپىيىدۇ. مەست قىلىشنىڭ خەۋپى، قان چىقىش، يۇقۇملىنىش ياكى زەخمەت يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشى جىنسىي يول ئارقىلىق تەبىئىي تۇغۇشتىن يۇقىرى بولغاندىن سىرت، يەنە كېيىنكى ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئىمكانقەدەر قورساقنى يېرىپ تۇغۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۇغۇتتىكى ئاغرىقنى توختىتىشنىڭ تەرەققىياتى بىلەن، تەبىئىي تۇغۇش ۋاقتىنىڭ ھەم ئۇزۇن بولۇش ھەم ئاغرىشىدىن ئەنسىرەش ياخشى ھەل قىلىندى. دولا (Doula) نى ھەمراھ قىلىپ تۇغۇش: يەنى تۇغۇت مەزگىلىدە دولانى ھەمراھ قىلىپ تۇغۇش ئارقىلىق ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغۇتتىن بۇرۇن، تۇغۇتتا، تۇغۇتتىن كېيىن داۋاملىشىدىغان فىزىيولوگىيەلىك قوللاش ياردىمى بولۇپ، روھى جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈپ، تۇغۇت جەريانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، دورىسىز ئاغرىق ۋە دورىلىق ئاغرىقنى چىقىرىپ تاشلاپ، شاد-خۇرام ھالدا تۇغۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى خاتالىق: قورساقنى يېرىپ تۇغۇشتا «ياخشى كۈننى تاللاپ تۇغقىلى بولىدۇ» دەپ قاراش
«10 ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، بىر كۈندىلا تۇغۇش» بۇ بىر نورمال فىزىيولوگىيەلىك جەريان. ھامىلە ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىنىڭ ئانا تېنى سىرتىغا چىقىرىلىشى تۇغۇش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: بالدۇر تۇغۇش، تۇغۇش يېشى توشماي تۇرۇپ ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى توختىتىلىدۇ. تەخمىنەن تۆتتىن بىر بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردا نېرۋا ياكى ئەقلى جەھەتتە كېسەللىك ئاسارىتى ساقلانغان بولۇپ، ئاسانلا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىپ ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. كېچىكىپ تۇغۇش بولسا، دائىم ھامىلىنىڭ زىيادە چوڭ بولۇشى ياكى ھامىلە بېشىنىڭ قاتتىق بولۇشى سەۋەبلىك تۇغۇت قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بالا ھەمرىيىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا، تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدە ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ-دە، ئاساسلىقى ھامىلە پوقىنى سۈمۈرۈۋېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بوغۇلۇپ قېلىشى، تۇغۇت زەخمىسى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلىكى قاتارلىق خەۋپلەرنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، نورمال ئاي كۈنى توشۇپ جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغۇش ياكى مۇۋاپىق پەيتتە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئانا-بالا ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر. ئەمما قورساقنى يېرىپ تۇغۇشتا «ئەڭ ياخشى كۈننى تاللاپ تۇغقىلى بولىدۇ.» دېگەن بۇ قاراش بىر قارىغۇلارچە قاراش بولۇپ، ھەم ئىلمىي ئاساسىي يوق ھەم ئانا-بالا ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ، تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى