ئۆزى تۇغقان ۋاقىتتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ۋاقتى: 2016-05-29
ئاۋاتلىقى: 791 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۆزى تۇغقان ۋاقىتتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەگەر سىرتتىن ھامىلە ئورنىنى ئايلاندۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغاندا ياكى ھامىلدار ئايالغا قوللىنىشقا ماس كەلمىسە، جىنسىي يولى ئارقىلىق تۇغۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا چۇقۇم لازىر نۇر ئارقىلىق ياكى كومپىيۇتىر ئارقىلىق تەسۋىر بېرىپ دىئاگنوز قويغاندا داس بوشلۇقىنىڭ ئۆتەلەيدىغان ياكى ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ھەم بىرلا ۋاقىتتا بوۋاق ئېغىرلىقىنىڭ 2500 /3000 گىرام ئەتراپىدا بولغاندا تۇغۇت ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە ساغرا قىسمى باش قىسمىدىن كىچىك بولىدۇ. شۇڭا ساغرا قىسمىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى تېز بولۇشى مۇمكىن، بىراق باش قىسمىنىمۇ ئاسان چىقىدۇ دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ خەۋپى بار دەپ قارىلىدۇ، تۇغۇت يارىسى بولۇپ قېلىش ياكى باش قىسمىنىڭ چىقماي قېلىش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرقانداق جەريان ئۇزىراپ كەتسە، چۇقۇم بالدۇر قورساقنى ياردۇرۇپ تۇغدۇرۇش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاق پۇت ياكى قوش پۇت تۈز ھالەتتىكى ھامىلنىڭ ئۆزى توغرا بولمىغان ۋاقىتتا ئۆزى تۇغۇشقا بولمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا كىندىك بېغى ئاجراپ كېتىپ ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتىكى نورمال ھامىلىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، بۇ تۈردىكى ھامىلە ئورنى توغرا بولمىغانلار چوقۇم ھەرۋاقىت دىققەت قىلىش، باش سۈيى يېرىلغان ۋاقىتتا جىنسىي يولىنى تەكشۈرتۈپ، كىندىك بېغىنىڭ ئاجراپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك.
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، كاسسىچىلاپ تۇغۇلمىغان بوۋاقلارنى ئۆزى تۇغدۇرۇشتا ياكى دۇختۇرلارنىڭ تەجربىسى جىق بولمىغاچقا، تۇغدۇرغان ۋاقىتتا نوپوزلۇق دوختۇرلار نەق مەيداندا تۇغدۇرۇشقا ياردەم بېرىشى كېرەك. ھامىلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، كاسسىچلاپ ئۆزى تۇغقان ۋاقىتتا، ھامىلنىڭ باش قىسمىنى تۇغدۇرىدىغان ئەسۋابنى چۇقۇم تەييارلاش كېرەك.
كاسسىچىلاپ ئۆزى تۇغقان ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك خەتەر كېلىپ چىقىدۇ: تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، مېڭە قاناش، ئومۇرتقىسى زەخىملىنىش، قول نېرۋىلىرى زەخمىگە ئۇچراش، سۆڭەك سۇنۇش، ئىچكى ئەزا زەخىملىنىش، كېكىردەك قىسمى زەخىملىنىش قاتارلىقلار.