تۇغما خاراكتېرلىك گامما گىلوبۇلىن كەملىك كېسىلى
ۋاقتى: 2015-09-23
ئاۋاتلىقى: 726 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغما خاراكتېرلىك گامما گىلوبۇلىن كەملىك كېسىلى، ئىرسىي خاراكتېرلىك گاسلىق كېسىلى، ئىرسىي خاراكتېرلىك كۆرۈش نېرۋىلىرى يىگىلەپ قىلىش قاتارلىقلارمۇ --Xزەنجىرسىمان يوشۇرۇن خاراكتېرلىك ئىرسىي كېسەللىكى دېيىلىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، ھازىر بۇ خىل كېسەللىكنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق، شۇڭا پەقەت ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، يەنى يېقىن تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشىنى قەتئىي چەكلەش، مۇشۇ خىل ئىرسىي كېسەللىك كۆرۈلگەن جەمەت ياكى ئىلگىرى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالا تۇغقان ئايال، يەنە بىر قېتىم ھامىلىدار بولغاندا چوقۇم تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىياگنوز قويدۇرۇپ بېكىتىشى كېرەك. (ئادەتتە پەقەت قىز ھامىلىلا ساقلىنىپ قالالايدۇ) شۇنداق قىلىش ئارقىلىق كېسەل بالىنىڭ تۇغۇلۇپ قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە، جەمئىيەتكە ئىلىپ كېلىدىغان بېسىمىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.ھازىر چەتئەللەردە بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھامىلىگە دىياگنوز قويۇش تېخنىكىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىرسىي كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان ئوغۇل بوۋاقلارمۇ ساقلىنىپ قالماقتا. ئىرسىي كېسەللىك تارىخىغا ئىگە ياشلار توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكشۈرتۈش ۋە ئىرسىي سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.